يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاشتىن بۇرۇن، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ھەرقايسى تىللاردا نەشىر قىلىنغان نۇسخىلىرى ۋە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمە 6-ئاينىڭ 10-كۇنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ كۆرگەزمىگە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ۋە ئۆزبېكچە قاتارلىق 9 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى قويۇلغاندىن باشقا، مەخمۇت قەشىرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى مازىرىدىن كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆرگەزمە قىلىنغان.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەن ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ مەركەز بىناسىدىكى زالدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇگرۇل گۇناي، رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باش سېكرىتارى مۇستافا ئىسەن، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇگرۇل گۇناي ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:"بۈگۈن بىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى قۇتلاۋاتقان مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىلىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۈچەيتكەن بولسا، يۇسۇف خاس ھاجىپ قۇتاتقۇ بىلىك ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق بىزنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشىمىزنىڭ ئاساسىنى قۇرغان. مەخمۇت قەشقىرى تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى. تۈرك دۇنياسىدىكى كىشىلەر مەخمۇت قەشقىرىنى، بىزدەك ياخشى بىلىدۇ. بىز ھازىر ئېچىۋاتقان مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستاندا ۋە ئەزەربەيجاندىمى ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە بۇ كۆرگەزمە بىز ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ بولسۇن."
تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇگرۇل گۇناي ئەپەندى مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە مەدەنىيەت مىنىستىرى قىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: "مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنىڭ قول يازمىسىنى ئىككى كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى مىللىيەت كۇتۇپخانىسىدا كۆرگەزمىگە قويدۇق. تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ مىللى كۈتۈپخانىدىكى نۇسخىسى دۇنيادا بىرلا نۇسخا بولۇپ، كۈتۈپخانىدا مەخسۇس بىر ئۆي ئايرىپ ئۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىۋاتىمىز. ھەممەڭلەرگە مەلۇم ئەلى ئەمىرى ئەپەندى دىۋانى لۇغاتىت تۈركنى تاپقان كىشى، ئۇ بىر كىتاپپۇرۇش بولۇپ پۇتۇن ئۆمرى بوي توپلىغان 10 مىڭ ئەتراپىدا كىتابنى مىللىيەت كۇتۇپخانىسىغا بېغىشلىغان. ئەگەر ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بۇ ئەسەرنى تاپمىغان بولسا، تۈركىي تىللار دىۋانى دۇنيادا بولمىغان بولاتتى. ئەلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن يېقىندا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى ناملىق بىر مەدەنىيەت مەركىزىنى ئاچماقچى. ئەلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ سايىسىدا بىز ھازىر تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق بۇ ئەسەرگە ئىگە."
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇگرۇل گۇناي ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مەخمۇت قەشىرىنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەردىكى قەبرىسىنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"بىز قىلىۋاتقان خىزمەتلەر يۇقۇرىدىكىلەردىن ئىبارەت ئەمەس. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەردىكى مەقبەرەسىنى رېمونت قىلدۇرۇش ئىش پىلانىمىز بار. مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە رېسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش پىلانىمىز بار. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىزھتا يېپىلىش مۇراسىمى سۈپىتىدە يەنە بىر خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى ئويلاۋاتىمىز. مەخمۇت قەشقىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق سىمۋولى شۇڭا پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ 2008-يىلى ئىچىدە مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە كۆپلەپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."
`مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرى` ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىنى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، تىكا ۋە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋەرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 5-ئاينىڭ 28-كۇنىدىن 30-كۇنىگىچە ئەنقەرە ھىلتون مېھمانخانىسىدا داۋام قىلماقچى.
يىغىنغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىمۇ قاتناشماقتا بولۇپ، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەگە ئۇنىۋەرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تۇغۇت ھەققىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر تېمىسىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىسمى مەسىلىسى تېمىسىدا، در. دولقۇن قامبىرى بولسا مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى تېمىسىدا، ئۈرۈمچى 14- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىن ئەپەندى بولسا مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركلەردە ئۇرۇش تېمىسىدا سۆز قىلماقچى.
0:00 / 0:00