تۈركىيىدە `مەخمۇت قەشقىرى - تۈركنىڭ تىلى` ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنەسكو 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى قۇتلۇقلانماقتا.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەخمۇت قەشقىرىنى ئاۋام خەلققە تونۇتۇش ئۈچۈن تېلېۋىزىيىلەردە مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىلىرى ۋە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان كىچىك تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلمەكتە.

يېقىندا قائان گۇنەر ئەپەندى بىلەن بىلگۈتاي ئۈمىت گۈزەلبېي ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن `مەخمۇت قەشقىرى تۈركنىڭ تىلى` ئىسىملىك بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 5 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر قىسىم 25 مىنۇت بولۇپ، جەمىي 125 مىنۇت ئىكەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيىدىكى تېلېۋىزىيىلەردە بېرىلىشكە باشلايدىكەن.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئايلانغان تۇپراقلار يەنى ھازىرقى قەشقەر، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق يەرلەردە سىنئالغۇغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ فىلىمنى تارتىش ئۈچۈن فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمىي 12 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەن.

بىز بۇ فىلىم ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، فىلىمنىڭ رېژىسسورى بىلگۈتاي ئۈمىت گۈزەلبېي ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

بىلگۈتاي ئۈمىت گۈزەلبېي ئەپەندى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، 2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل مۇراسىملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەخمۇت قەشقىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرى ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مىليونلارچە ئاۋام خەلققە مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.