مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق بۇ پروگراممىنىڭ ئۆتكەنكى قىسمىدا 700 - 800 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز. 840 - يىلىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار قايسى دۆلەتلەرنى قۇردى؟ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر يېزىلغان؟ مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتىنىگە قاچان كەلگەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى خالىسىڭىز بۇ پروگروممىمىزغا قۇلاق سالغايسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى
بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قامۇستۇر.
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پەرىشان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 840 - يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 13 قەبىلىسى جەنۇبقا ، 15 قەبىلىسى غەربىي جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن. جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار كانسۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى، غەربىي جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار بولسا، قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلار 840 - يىلىدا غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى دەيدۇ، بۇ كۆز قاراش توغرا ئەمەس. 697 - يىلىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك دۆلىتى خاقانى بىلگە خاقاننىڭ تاغىسى قاپاغان خاقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتكەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. 697 - يىلىدا ئورخون يېنىسەي بويىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بار. ھەممىمىزگە مەلۇم 745 - يىلىدا كۆكتۈرك دۆلىتىنى ئاغدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمدارى مويۇنچۇر خاقان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خاقان بۇ يەرگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى جايلاشتۇرغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننى قىسقا ۋاقىت تىبەتلەر بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار يەنە قايتۇرۇۋالغان. ئۇيغۇرلار 6 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ۋە 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىزدە تولىس خىتايچە مەنبەلەردە تېلى دەپ ئاتالغان تۈرك قەبىلىلەر بىرلىكىنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ مەزگىلدە يەنى 481 - يىلىدا ئۇيغۇرلار تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى تۇرپانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. دېمەك مەھمۇت قەشقىرى ئەسىرىدە يازغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا ناھايىتى قەدىمى تارىختا كەلگەن."
مەھمۇت قەشقىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مەھمۇت قەشقىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مەھمۇت قەشقىرى مەزگىلىگە كەلسەك، 840 - يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن تۇرپاندا قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان. كانسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغان يىللاردا 1028 - 1036 يىللىرى ئارىسىدا تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئەمما مەھمۇت قەشقىرى مەزگىلىدە قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان زېمىنى پۈتۈنلەي تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىدى. 11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى كىچىكلەپ كەتكەن. مەھمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ناملىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. مەھمۇت قەشقىرى كۈسەن سۆزىنى ئىزاھلاپ، كۈسەن يەنى بۈگۈنكى كۇچانىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چېگرا رايونى ئىكەنلىكىنى يازغان. يەنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگرىسى جەنۇبتا كۇچاغىچە، شىمالدا بولسا ئىلى دەرياسىغىچە ئىكەن. تۈركىي تىللار دىۋانىدا بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم."
ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇقۇمى
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بۇ مەلۇماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەھمۇت قەشقىرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتتى. ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى. مەھمۇت قەشقىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى بۇددا ۋە مانى دىنىگە ئېتىقات قىلغان كىشىلەرنى ئۇيغۇر دەيتتى. شۇڭا مەھمۇت قەشقىرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70 پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيىش مۇمكىن. ھازىر ھەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر."
مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇرمۇ؟
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراخانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار. بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەشھۇر تارىخچى بارتولد ، زەكى ۋەلىدى توغان، تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلار ئەرەبچە `ھۇدۇد - ئىل ئالەم` ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان. `قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.` توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىمقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە `مۇجىمەلىت تەۋارىخ` ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: `ياغمىلارنىڭ پادىشاھىغا بۇغراخان دەيدۇ`. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر. ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر. يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەھمۇت قەشقىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، مەھمۇت قەشقىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم مەھمۇت قەشقىرى ئەسىرىدە قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى يازمىغان."
ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دىۋانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھەققىدە يازغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشقىرى دىۋانىدا يەنە بىر يەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان. `ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھەقىقى تۈرك تىلىدۇر. ئەمما ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان دىيالېكتلەردىمۇ سۆزلىشىدۇ`. دېمەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇ چاغلاردا ئەدەبىي تىلىدىن باشقا، دىيالېكتىمۇ بار ئىكەن."
تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قىممىتى
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشقىرى ئەسىرىدە يۇقۇرىدىكىدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى پەقەتلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلاردىن ئىبارەت ئەمەس. ئوغۇزلار توغرىسىدىمۇ تالاي مەلۇمات بېرىلگەن. تۈركىي تىللار دىۋانىدا باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىمۇ ناھايىتى كۆپ مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قامۇستۇر. 1000 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى يەنىلا ئۇلۇغدۇر."