تاھىرجان: 'بىزنىڭمۇ ھەقىقىي ئىنساندەك ياشاش ئارزۇيىمىز بار'

بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ قەشقەردىكى ئىلھامجان ئىسىملىك بىر مېيىپ بالا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدىكى پروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

0:00 / 0:00

ئۇلار سۆھبىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، بۇ ئاڭلىتىشىمىزنىڭ مېھمىنى ئىلھامجان ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ، ئىلھامجان ئۆزى قەشقەر شەھىرى بۇلاق بېشى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇ يىل 35 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر مېيىپ، ئۇ بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن نورمال ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئىنتايىن ساغلام، جۇشقۇن، چېچەن، يۈرىكىدە نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرى تېپىچەكلەپ تۇرغان، غەم - قايغۇسىز بىر ياش ئىدى، بىر قېتىملىق خاتا دىئاگنوز ۋە خاتا ئوپېراتسىيە ئۇنى بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشتا ئۆزىگە تايىنالمايدىغان كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرگۈدەك مەجرۇھ ھالەتكە ئەكەپ قويدى.

ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىل ئاۋال سۆزلەشكىنىمىزدە، ئۇنىڭ جىسمى مېيىپ بولغان بولسىمۇ روھى جەھەتتىن بۇ تەقدىرگە ھېچ تەن بەرمىگەنلىكى يەنىلا ھاياتلىقتا ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقانلىقى، تېخى ئۆيلىنىش خىيالىنىڭمۇ بارلىقىنى تارتىنماي بايان قىلغان ئىدى، خوپ، ئۇنداقتا بۈگۈن تاھىرجاننىڭ ھاياتى روھى دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تاھىرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.