رەسسام مېھراي پىدا خانىم ۋاشىگتوندا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىرى بىلەن خەلقئارا رەسىم ساھەسىدە مەلۇم نەتىجىلەرنى قازانماقتا.

0:00 / 0:00

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مېھراي پىدا خانىم 2005 - يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان رەسىم ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئۆز ئىجادىيىتىنى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر روھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشكە بېغىشلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتماقتا.

بۈگۈن مېھراي خانىم ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 2009 - يىللىق رەسىم ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

مېھراي خانىم بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قويۇلغان 8 پارچە ئەسىرىدە ئىپادىلىگەن مەزمۇن ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىجادىيەتلىرىنى ئاساسلىقى مۇشۇ يىللاردىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي رىياللىققا ھەم بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ روھىيىتىگە بېغىشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.