سەمىھ ئىدىز ئەپەندى يازغان بۇ ئوبزوردا، خىتاينىڭ تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر سىياسىتى تەھلىل قىلىنغان.
سەمىھ ئىدىز ئەپەندى ئوبزورىنى مۇنداق باشلىغان: "تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭنى كۈتۈۋالدى. خىتاينىڭ دۇنيا تىجارىتىدىكى ئورنىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، بۇ زىيارەت سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر زىيارەت. گېزىتلەردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، زافەر چاغلايان تۈركىيىنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېكسپورتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ 1.2 ترىلىيون دوللارلىق ئىمپورتىنى تەھلىل قىلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 'مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىمىز خىتاينى ياخشى چۈشەنمەسلىك، خىتايلار بىزنى ياخشى چۈشىنەلمىدى، بىزمۇ ئۆزىمىزنى خىتايلارغا ياخشى چۈشەندۈرەلمىدۇق. مانا ئەمدى بىر بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىشنىڭ دەل ۋاقتى'."
سەمىھ ئىدىز ئەپەندى ئوبزورىدا تىجارەت مىنىستىرى زافەر چاغلايانغا "ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتتىڭمۇ ؟" دەپ سوئال قويۇپ مۇنداق دەپ يازغان: "تىجارەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىش ھەققىدە توختامنامە تۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش، ئەمما بۇ ئىشتا بىر مەسىلە يوقمۇ؟ بۇنداق تېز ئۇنتۇپ قالمايلى. بۇنىڭدىن پەقەتلا 6 ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا چىققاندا تۈرك خەلقىغە 'خىتاي مېلىنى ئالماڭلار' ، دەپ چاقىرىق قىلغان تىجارەت مىنىستىرىمىز زافەر چاغلايان ئەمەسمىدى؟"
سەمىھ ئىدىز ئەپەندى ئوبزورىدا تۈرك ھۆكۈمىتىدىن "نېمە ئۈچۈن خىتايلار بىلەن دوست بولىۋاتقاندەك كۆرۈنىسىلەر؟" دەپ سوراپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئۇنىڭ ئۈستىگە باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا خىتايلارنى 'ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى' دەپ ئېيىبلىمىگەنمىدى؟ ئۇيغۇر داۋاسىنى' بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىمەن' دېمىگەنمىدى؟ ئۇ ۋاقىتتا بىز باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن زافەر چاغلاياننى رېئالىست بولۇشقا چاقىرساق، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ياقلىغۇچىلار بىلەن مىللەتچىلەر بىزنى تەنقىد قىلمىغانمىدى؟ ئەمدى نېمە بولدى؟ ' شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى نورماللاشتى' دەپ خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىزمۇ؟ بولمىسا 'خىتاينى چۈشىنەلمەيۋاتىمىز' دېگەن تىجارەت مىنىستىرىمىز زافەر چاغلايان دۇنيانى چۈشىنىشكە باشلىدىمۇ؟"
سەمىھ ئىدىز ئەپەندى ئوبزورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: "ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. يېقىندا ئۆزگىرىش بولىدىغاندەكمۇ ئەمەس. بۇ يەردە ئۆزگەرگەن نەرسە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نورماللىشىشقا باشلىدى. مەن بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ قوياي، ' ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى' دەپ تونۇلغان رابىيە قادىر خانىم تۈرك خەلقى تەرىپىدىن تونۇلغان ئايال بولسىمۇ، تۈركىيىگە تېخىغىچە كېلەلمىدى. تۈرك ھۆكۈمىتى 'رابىيە قادىر خانىم خالىغان ۋاقتىدا كەلسە بولىدۇ' دەپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ، ئەسلىدە بىرىنچى بولۇپ كېلىشىگە تېگىشلىك دۆلەت تۈركىيە بولغان بولسىمۇ تېخىغىچە كېلەلمىدى. ئۇ ھازىر ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا."
ئوبزورچى سەمىھ ئىدىز ئەپەندى "مىللىيەت گېزىتى"دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، رابىيە قادىر خانىمغا ھۆكۈمەت ئىچكى جەھەتتىن ' كەلمەي تۇرۇڭ' دەۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ سوراپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۇنداق ۋەزىيەتتە ئادەمنىڭ كاللىسىدا شۇ سوئال پەيدا بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن رابىيە قادىر خانىم كەلسە بولىدۇ دەپ قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا ' ھازىرچە كەلمەي تۇرۇڭ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ' دەۋاتامدىغاندۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا رابىيە قادىر خانىمنى ھەممە كىشىلەر ياخشى كۆرسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا 'بۆلگۈنچى، تېررورىست'، دەپ ئېيىبلىمەكتە. بۇلارنى خەلقىمىز ئۆزى چۈشىنىۋالسۇن. لېكىن بۇ يەردە ئېنىق بولغان بىر نەرسە، ھۆكۈمىتىمىز سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تەسىرى زورىيىۋاتقان خىتاينىڭ كۈچىدىن تەپ تارتتى. خىتايغا قارشى نامايىشلارمۇ ئازىيىپ كەتتى، خىتاينى 'ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى' دېگەن ھۆكۈمەتمۇ جىمىپ قالدى. ئەكسىچە خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالالايمىز. مەنچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزسا دىپلوماتىك، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تارتىدىغان زىيىنىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي دۆلىتى دائىمىي ئەزاسى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىگىمۇ ئېلىپ كېلەلمىدى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.