ئۆز مىللىتىگە ئىگە چىققان زىيالىيلارنى خەلق ئەبەدىي ياد ئېتىدۇ

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور غاپپار مۇئەللىمنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ تەرىپى ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆز مىللىتىگە ئىگە چىققان زىيالىيلارنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ خەلقنىڭ ئۇنۇتمايدىغانلىقى ھەر قاچان ئىسپاتلانماقتا. بۈگۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياشلار ئىچىدە مەرھۇم غاپپار مۇئەللىمگە ئوقۇغۇچى بولغانلار مەلۇم ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنگىچە مەرھۇمنىڭ ياخشى تەرىپلىرىنى قىلىشماقتا.

بىر زىيالىينىڭ مىللەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئالىي مەجبۇرىيىتىنىڭ ۋەتەن، مىللەتكە ئىگە چىقىش يولىدا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتلەرنى قۇربان قىلىش بىلەن ئادا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.