خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» يارىتىش غەرىزىگە قارىتا ئىنكاسلار
2012.08.17

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتمۈشتە، ئىشەك بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋ زېدۇڭغا قوغۇن سوۋغا قىلماقچى بولغان قۇربان تۇلۇمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تىكلىگەنىدى. «قەلبى بېيجىڭغا تەلپۈنگەن» بۇ سۈنئىي ئۈلگىگە ئۇيغۇر خەلقى ئىلگىرى ئانچە قىزىپ كەتمىگەن، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنىدى. يېقىندا ئالىمجان ئىسىملىك بىر كاۋاپچىنى ئۈلگە قىلىپ تىكلىۋىدى، رامىزاندا ئېتىلداق بىلەن كاۋاپخانا ئاچقان بۇ كىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئىلىدە ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان سانسىزلىغان ۋەقەلەر ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ ئىتتىپاق بولالمايدىغانلىقىنى دائىم ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى تىكلەشكە ئۇرۇنۇش پائالىيىتى يەنە داۋاملاشماقتا.
ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ خىتايچە قانىلى 17 - ئاۋغۇست كۈنى، بېيجىڭدا كەنت باشلىقى بولغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ چىقتى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ھەسەنجان مەمەت. ھازىر 30 ياش. مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئاپىسىنىڭ ئىسمى ھۆرنسا ئابدۇرىھىم. 2002 - يىلى ئۇ بېيجىڭ گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2006 - يىلى پۈتتۈرگەن.
ھەسەنجان مەمەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا «زىيالىيلارنى يېزىغا يۈزلەندۈرۈش» شامىلىنىڭ «شاراپىتى» گە ئۇچراپ، بېيجىڭنىڭ فاڭشەن رايونىدىكى بىر يېزىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ تۆھپىسى؛ 21 - ئىيۇل يۈز بەرگەن بېيجىڭدىكى يامغۇر ئاپىتىدە خەۋپكە ئۇچرىغان خىتاي «قېرىنداشلىرى»نى پىداكارلىق بىلەن قۇتۇلدۇرۇش بولغان. شۇ كۈنى ھەسەنجان مەمەتنى يوقلاپ مەكىتتىن كەلگەن ئاپىسىمۇ بېيجىڭدا بار بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى 700 مېتىر كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاپىسىغا قارايدىغان كۆزى يوق، خىتايلارنى كۆتۈرۈپ، يۈدۈپ دېگۈدەك قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر ئىش - ئوقىتى ياخشىكەن. ئىككى ئىنىسى بېيجىڭدا تىجارەت قىلىدىكەن. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، چوڭراق ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا خەيرى - خاھلىق قىلغان كاۋاپچى ئالىمجاننىڭ تىجارەت يولىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنگە ئوخشاش، ھەسەنجان مەمەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى داۋاملىق يۆلىشى مۇمكىن. خىتاينى ياخشى كۆرگەنلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى» بولۇپ روناق تاپىدىغان، خىتاينى ياخشى كۆرمىگەنلەر «مىللىي بۆلگۈنچى» بولۇپ جازالىنىدىغان ئۇيغۇر ئىلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قانداق غەرەزلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىر ئەمەس. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي تۇيغۇسىدا، دىنىي ئېتىقادىدا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غايىسىدە زور پەرقلەر مەۋجۇت بولغان ئىككى مىللەتنى يۇغۇرۇپ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىممۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان ئوبرازلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى كوزۇرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاينى سۆيىدىغان بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش غەرىزىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.