"تەڭرى تاغ تورى" دا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە، ئونسۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ "ئونسۇ ناھىيىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما تەربىيىسى پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى" قوش نەمۇنىچىلار" نى تەقدىرلەش" يىغىنى ئېچىپ، يىغىندا 2010 - يىلى ناھىيە بويىچە مەيدانغا كەلگەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق 20 ئىلغار كوللېكتىپ، خۇدابەردى ئىمىن قاتارلىق 40 نەپەر ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەتتىن سايلانغان ئىلغار شەخسلەرنى مۇكاپاتلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامانلىق بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى بىلەن قىسقا بىر سۆھبەتتە بولدۇق. سوئالىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىغا كەلگەندە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ساقچى "خاپا بولماي بىر مىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ، ماشىنا كېلىپ قالدى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئاندىن قالغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەي " دەپ قويۇپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئونسۇ ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر كىشى بىزگە، ئونسۇ ناھىيىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "ناھىيىمىزدە داۋاملىق دېگۈدەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش - جېدەل بولۇپ تۇرىدۇ. 'مىللەتلەر ئۆز - ئارا ئىناق ئىتتىپاق' دېگەننىڭ ھەممىسى يالغان، بۇلاردىن سىرت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلەنمەكتە. ھۆكۈمەت 'ناماز ئوقۇمايسىلەر'، 'ئاياللار ياغلىق سالمايسىلەر'، دەپ تەلەپنى كۈچەيتكەنسېرى، ناھىيىمىزدە ئۆيلىرىدە يوشۇرۇن ھالدا ناماز ئوقۇيدىغان، يوشۇرۇن روزا تۇتىدىغان كىشىلەر ۋە بېشىغا ياغلىق سالىدىغان ئاياللار ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك" دېدى، ۋە بىزگە بىر تېلېفون نومۇرىنى بېرىپ، "بۇ تېلېفونغا تېلېفون ئۇرۇڭ، ئۇ، سىزگە ھازىر ئونسۇدا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن، ئۇ ئونسۇنىڭ باشلىقى" دېدى.
ئەمما، باشلىقنىڭ ئىسمى شۇنىڭدەك قانداق ۋەزىپىسى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى. بىز ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۆزىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بۇ كىشى، ئۇنىڭدىن ئىگىلىمەكچى بولغان ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن "تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپسىز" دەپ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
ئونسۇ ناھىيىسىدىكى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى" ۋە كوللېكتىپنىڭ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىق نەمۇنىچىسى قىلىپ سايلاش مەسىلىسى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.