1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى دەسلەپكى غەلىبىلەرگە ئېرىشكەندە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى ۋە 1945 - يىلى 2 - ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى ئازاد بولۇپ، تارباغاتاي ھەم ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش شارائىتى پىشىپ يېتىلدى.
جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بويىچە 50 تىن ئارتۇق پارتىزان ئەترەتلىرى ئاساسىدا مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش قارار قىلىندى ھەمدە مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان، كىيىم، پاگون - كاكار، بايراق ۋە باشقا ھەربىي تەركىبلىرى بەلگىلەندى.
ئىككى ئايلىق تەييارلىق ئارقىلىق مىللىي ئارمىيە 1945 - يىلى 8 - ئاپرىل كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇپ، غۇلجىدىكى ۋاڭ قادىر بېغىدا بايراق تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمى ۋە پارات ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئەلىخان تۆرە باشلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى، ھەربىي - مەمۇرىي رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، خەلقنىڭ قاينام - تاشقىنلىق گۈلدۈراس - ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ھەر قايسى قىسىملارغا بايراق تاپشۇرۇلدى ھەمدە ئەلىخان تۆرە سۆز قىلىپ، بۇ جەڭگىۋار قوشۇنغا غالىبىيەت تىلىدى.
مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلۈشى
مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئەسلىشىچە، مىللى ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا ئىۋان پالىنوف باش قوماندانلىققا، ئىسھاقبەگ مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن قوماندانلىققا، ماجاروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ئۇنۋانى - مارشال بولۇپ، بۇ جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. مىللىي ئارمىيىنىڭ كېيىنكى باش قوماندانى ئىسھاقبەگ مۇنونوفقا گېنېرال لېيتېنانتلىق ئۇنۋانى، ئىۋان پالىنوف، ماجاروف ھەم دەلىلقان سۇگۇربايېفقا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانلىرى بېرىلدى.
مىللىي ئارمىيە دەسلەپتە قۇرۇلغاندا يەتتە پولك , تۆت مۇستەقىل دىۋىزىيون ۋە بىر مۇستەقىل روتىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۆرىتالا موڭغۇل ئاتلىق دىۋىزىيونى، تۇڭگان ئاتلىق دىۋىزىيونى ۋە شىۋە ئاتلىق روتىسى مىللىي تەركىبى ئايرىم بولغان ئۈچ قوشۇن ئىدى. قالغانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىلاش بولغان.
مەلۇماتلارلارغا قارىغاندا ئىلگىرى - كېيىن 25 ئادەمگە پولكوۋنىكلىق، 50 ئادەمگە پودپولكوۋنىكلىق ۋە 60 تىن ئارتۇق ئادەمگە مايورلۇق ئۇنۋانلىرى بېرىلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانلىق ئوفىتسېرلارمۇ خېلى كۆپ بولغان.
مىللىي ئارمىيە باتۇر ئارمىيە ئىدى
مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى دەسلەپتە قۇرۇلغاندا 14 مىڭ ئەتراپىدا بولسا، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ھە باشقا جايلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم سانى كۆپىيىپ 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مىللىي ئارمىيە ئىلگىرى كېيىن جىڭ، شىخو، ھەرەمباغ قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ جەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز قېتىم چوڭ جەڭ، 36 قېتىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك جەڭ ھەم 350 قېتىمدىن كۆپ كىچىك كۆلەمدىكى جەڭلەرنى قىلغان بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، بەش مىڭ ئەتراپىدا دۈشمەننى ئەسىرگە چۈشۈرگەن شۇنىڭدەك نۇرغۇن قورال - ياراق، ئوق - دورا، ماشىنا، ئايروپىلان قاتارلىق ھەربىي ئەشيالارنى ئولجا ئالغان.
مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشقان 40 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنىنى تارمار قىلغان شۇنىڭدەك جەنۇپ تەرەپكە كېڭىيىپ، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە يەركەن ئەتراپلىرىدىمۇ جەڭ قىلىپ، ئۇ جايدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغىمۇ زەربە بېرىپ، ئۇنى شىمالغا ياردەم قىلالماس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە غەنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، رىزۋانگۇل، زىخرۇللام قاتارلىق كۆپلىگەن قەھرىمان شەخسلەر مەيدانغا كەلگەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئىستىقلالىيەت، باھادىرلىق ۋە پىدائىي قاتارلىق ئوردەن - مېداللارنى تەسىس قىلىپ، خىزمەت كۆرسەتكەن ھەربىي - مەمۇرىي خادىملارنى تەقدىرلىگەن. غەنى باتۇر(ئۇيغۇر)، فاتىخ باتۇر(تاتار)، ئەكبەر باتۇر (قازاق) قاتارلىقلارغا ئەڭ ئالىي "خەلق قەھرىمانى" نامى بېرىلگەن.
ئاخىرقى تەقدىر
مىللىي ئارمىيە غەلىبىسىرى ئىلگىرىلەپ، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي يۆنىلىشلەردە جىڭ، شىخو، چۆچەك ۋە ئالتايلارنى ئازاد قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قىستاپ كەلگەن پەيتتە ستالىن ئارىلىشىپ، مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بۇ ياش جۇمھۇرىيەت ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىدىن نارازى بولغان مىللىي ئارمىيە جەڭچى - ئوفىتسېرلىرى قاتتىق غەزەپلەندى ھەتتا بەزىلىرىنى ئۆزلىرى ئېتىۋالدى.
ئەمما، مىللىي ئارمىيە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن خەتلەر يېزىلغان ھەربىي بايراقنى تاكى 1949 - يىلى 10 - ئايغىچە كۆتۈردى. ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر باتۇر ئارمىيە 1950 - يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 13 - ۋە 14 - دىۋىزىيىگە ئايرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.