شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ پودپولكوۋنىكى ھۆسەيىن غازى ئاكا بېشكەكتە

1949‏ - يىلى غۇلجىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارقىتىۋېتىلىپ، مىللى ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5‏ - كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قىسىم سابىق ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلىرى ھەربىدىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئوفىتسېر - جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسىمى ھازىرغىچە بۇ دۆلەتلەردە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ بىرى ھازىر قىرغىزىستاندا ئولتۇرىدىغان بۇ يىل 90 ياشلاردىكى ھۆسەيىن غازى ئاكىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ھۆسەيىن غازى ئاكىنى تونۇشتۇرۇپ تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.