مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە ئىچكى تاشقى ۋەزىيەت ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك دوكلات بەرگەن ۋە يەنە قاتتىق زەربە بېرىش بېسىمىنى كۈچەيتىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيلەپ ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.
يىغىننى ۋاڭ لىچۈەن باشقۇردى، نۇر بەكرى دوكلات ئوقىدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى 10 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ باشقۇرۇشىدا كادىرلار يىغىنى چاقىرغان. يىغىنغا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتى ھەم پارتكومىغا قويغان كادىرلىرىدىن باشقا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرى، بىڭتۇەن كادىرلىرى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى پارتكوم سېكرىتارلىرى، سوت،تەپتىش، قوراللىق ساقچى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرى، ھەربىي رايون قوماندانلىق شىتابلىرىنىڭ قوماندانلىرى قاتارلىقلار قاتناشقان.
يىغىندا باشتا ۋاڭ لېچۇەن سۆز قىلىپ" خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداش ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قاتتىق زەربە بېرىشنى بوشاشتۇرماسلىق، ئالدىن زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ خورىكىنى يوغىنىتىۋەتمەسلىكنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ يېڭى سىياسەت تەدبىرلەرنى سۆزلىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتى ھەققىدە دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى، تاشقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكومى مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى مەخسۇس يىگىرمە نەچچە بەتلىك دوكلات بەرگەن.
ھايات ماماتلىق كۈرەش؟
نۇر بەكرى دوكلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە ئىلگىرى ھەم يېڭى كۆرۈلگەن ئەھۋال ھەم يۈزلىنىشلەردىن باشلىغان بولۇپ، 1990 - يىلى 5 - ئاپرىل يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىدىن باشلاپ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇلاردا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋە باشقا پارتلاش ۋەقەلىرى،خوتەن ھەمدە كۇچا، شايالاردا يۈز بەرگەن خىتاي كادىرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىرى ۋە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىرىنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەلىرى شۇنداقلا ھەم 1997 - يىلىدىكى ئىلى ۋەقەسى ۋە يەنە يېقىندا قەشقەردە، كۇچالاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش، شىنجاڭنى بۆلۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ ئاتىغان.
نۇر بەكرى بۇ ۋەقەلىك جەريانلىرىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "مىللىي بۆلگۈنچىلەر ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەسەبىيلىشىپ ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمىدى، بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان كۆرىشىمىز مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش يولىدىكى ھايات - ماماتلىق كۈرەش. كادىرلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئېڭى، خەۋپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ غەربتىكى ئامېرىكا باشلىق دۈشمەنلەرنىڭ " جۇڭگونى غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇشى، ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى، ئۆز تارمىقىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك".
نۇر بەكرى دوكلاتىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنى دۈشمەن دەپ ئوچۇق - ئاشكارا تىلغا ئالغاندىن باشقا بۇ ئەللەر، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ھەمدە فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى بۆلگۈنچى گۇرۇھلارنى قوللاپ دۆلىتىمىزگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار جۇڭگوغا قارشى ئومۇمىي خور تەشكىللەپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورلۇق ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلات - ھاقارەت - تەھدىت
نۇر بەكرى دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدىن باشلاپ ئاساسەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ بايانىدا ھەتتا ئۈچ قېتىملاپ خەلقئارا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن رابىيە قادىر خانىمنى" ئۇ ئۇيغۇرلارغا لىدېر ۋە مەنىۋى ئانا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس، قانۇنسىز جىنايەتچى، دۆلەت ساتقۇنى، غەربنىڭ غالچىسى" دېگەندەك يېنىكلىك بىلەن بىۋاستە شەخسى ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ھاقارەتلىگەن.
نۇر بەكرى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەر دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان نىشانلىق دۈشمەنلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك پىلان بۇيىچە سىستېمىلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ۋە يەنە رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭنى بۆلۈپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن 50 يىللىق ئىستىراتېگىيىلىك پىلان تۈزگەن ۋە بۇ پىلاننى چەتئەللەردىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى باشقا بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۈچ خىل قەدەم باسقۇچ بىلەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا دەپ كۆرسەتكەن.
ئاخىرىدا يەنە،رابىيە قادىر خانىمنى يېقىندىن بۇيان قەشقەردە ھەمدە كۇچالاردا ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، رابىيە قادىر يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بۆلگۈنچىلىك قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەسەبىيلەرچە كۈچەيتتى، ئەمما ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ، ئۇ بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. بىز ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلىرى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك دەپ تەھدىتى بايانلارنىمۇ قوللانغان.
يېڭى سىياسىي ھەرىكەتتىن بىشارەت
نۇر بەكرى دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، ھايات ماماتلىق كۈرەشلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلىغانلىقى بۇ ھەقتە مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1996 - يىلى چىقارغان - 7 نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تەكىتلەنگەن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق مۇھىم سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ سىياسەتنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئىچكى ھەم تاشقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ يېڭى ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۇر بەكرى بۇ ھەقتە " بىز ھازىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدۇق، تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتتۇق، شۇنداقتىمۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەم مۇقىملىقىدا شىنجاڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سىياسىي كۆز قارىشىمىزنى مۇستەھكەملەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك. خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا سەگەكلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دەپ بىلىپ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسلىق تەھدىت كۆرسىتىۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەشنى تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز، خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋە ھۆكۈمەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن شەرەپلىك ۋەزىپىمىزنى ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك دېگەن.
نۇر بەكرىنىڭ بۇ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە تەربىيىلەش پىلانلىرىنىمۇ تۈزۈپ بولغان بولۇپ، بۇ يىل قىشتىن باشلاپ ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەم ئاۋام خەلققە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش ھەم تەربىيىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە 2012 - يىلغىچە يەنە 30 مىڭغا يېقىن دىنىي ئەربابلارنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قىلىپ تەربىيىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.