بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى تېخىمۇ ئېنىقلاش مەقسىتىدە "ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى " غا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ، بۇ ئورۇننىڭ باشلىقى جاڭ دوڭفاڭ خانىم بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون ئالغان نۆۋەتچى خادىم، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئىدارە باشلىقىمىز يوق، دېگەن باھانە بىلەن، جاڭ خانىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۇلاپ بەرمىدى. لېكىن، سالايىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ سۆزلىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتچى خادىمنىڭ تېلېفوننى كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان ۋاڭ خانىمغا ئۇلاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈردۇق.
ۋاڭ خانىم سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن، ھەم ئېھتىياتچان، ھەم ئەدەپ - قائىدىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھالدا جاۋاب بەردى. ۋاڭ خانىم بىزنىڭ بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ يەردە ئاساسەن زېھنى ئاجىز بالىلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ساغلام ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەلۋەتتە ناھايىتى ئوماق ئۇيغۇر بالىلىرىنى بېقىۋېلىشقا بولۇدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى يەنىلا مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان مەخسۇس خادىمدىن ئىگىلىشىمىزنى ئېيتتى.
ئىلگىرى مەزكۇر بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا 10 يىل ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئامانگۈل خانىم ۋە مۇتەللىپ ئەپەندى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر بالىلارغا مۇسۇلمانچە بولمىغان تاماقلارنى يېگۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
ۋاڭ خانىم بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ ئىسمى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تامىقى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا مۇسۇلمانچە ئاشخانا ھەم مۇسۇلمان ئاشپەزلەرنىڭ بار - يوقلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. ۋاڭ خانىم بىزنىڭ بۇ يەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا بۇ يەردە تاماقلارنىڭ ئەلۋەتتە مۇسۇلمانچە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمان ئاشپەزلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئەشۇ مۇسۇلمان ئاشپەزلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگىنىدە، دەرھاللا ئۆزىنىڭ ئۇلارنى تېلېفونغا چاقىرىپ قويالمايدىغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ خالىغانچە بېرەلمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى ئەپسىز ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. ئۇ بىزنىڭ "ئۇنداقتا ئەشۇ ئۇيغۇر ئاشپەز بىلەن سۆزلەشسەم بولامدۇ ؟" دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى.
ۋاڭ خانىم : ھازىر ئۇلار بۇ يەردە يوق.
مۇھبىر : ئەمىسە ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرەلەمسىز ؟
ۋاڭ خانىم : كەچۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سىزگە بېرەلمەيمەن. سىز بەك جىق مەسىلىلەرنى سوراپ كەتتىڭىز، بۇ مەسىلىگە مېنىڭ جاۋاب بېرىشىم ئەپسىز، ئەتىلىككە ئۆزىڭىز كېلىپ، بۇ ئىشقا مەھسۇس خادىم بىلەن پاراڭلىشىڭ.
ۋاڭ خانىم، مۇخبىرنىڭ ئەگەر بۇ ئورۇننى زىيارەت قىلماقچى بولساق چوقۇم ئاۋال ئىدارە باشلىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، بالىلار بىلەن خالىغانچە كۆرۈشۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى ئەتىلىككە مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەپسىلى ئەھۋالنى سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا 10 يىل ئىشلىگەن مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر مەزكۇر ئورۇندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىرىنىڭ خىتايچىغا ئۆزگەرتىۋېتىلىدىغانلىقى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى خىتايلارغا بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
ئەمما، ۋاڭ خانىم بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بار - يوقلىغى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئەلۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بارلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە خەنزۇچە ئىسمىمۇ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ بىزنىڭ بۇ بالىلارغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رايون نامى " شىنجياڭ " دېگەن نامنىڭ دەسلەپكى خېتى " شىن " خېتىنىڭ بەزى ئۇيغۇر بالىلىرىغا فامىلە قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ قايسى رايونلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنىڭ ئېنىق بولىشى ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا شىن تيانچۇ، شىن خې دىگەندەك ئىسىملارنىڭ قويۇلغانلىغىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مۇشۇنداق ئاتىغاندا، بۇ بالىلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئاسان بولغۇدەك.
ۋاڭ خانىم، بۇ بالىلارنىڭ قايسى تىلدا سۆزلەيدىغانلىغى مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، بۇ بالىلار كىچىك بولغىنى ئۈچۈن، بۇ بالىلارنىڭ ئەلۋەتتە ئوز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىغانلىغىنى، بۇ يەرگە كەلگەن بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى.
ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى خىتايلارغا بېقىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىغىنى، بالىلارنىڭ كىملەرگە بېقىۋېلىشقا بېرىلىدىغانلىغى شۇ بالىنىڭ ۋە بېقىۋالغۇچى ئائىلىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاڭ خانىم بىزنىڭ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ئىنكاسلارنى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىمىزنى، بۇ يەرنىڭ خادىمى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش نىيىتىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلگىنىدىن كېيىن بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىغىنى، مېنىڭ ئۇنى توغرا چۈشىنىشىمنى، بۇ ئىشنى مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى ئېيتتى.
بالىلار پاراۋانلىق ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئەھۋاللار، مىللىي كەمسىتىش بىلەن باغلىنىشلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم.