بۇلاردىن بىرى تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست مۇستافا ئۆزجان يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا رامىزان» ماۋزۇلۇق ئوبزور. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى مىللىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان مۇھتەدى مەريەم جەمىلە ئىسىملىك يەھۇدىي ئايال بىلەن ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقە ئاڭلىتىلغان. خەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قانداق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئوبزورچى مۇستافا ئۆزجان ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:
خەت يېزىشقان مەزگىل ئەسلىدە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تازا گۈللەپ ياشناۋاتقان دەۋر. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ مەزگىلدە دىننى بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دەۋر. ئۇ دەۋرلەردە مۇسۇلمانلارنى جىمىقتۇرۇش، ئۇلارنى يوق قىلىش سىياسىتى پەللىگە چىققان ئاي رامىزان ئېيى ئىكەن. رامىزان ئېيىدا مۆمىنلەرنىڭ دىنىي ھېسسىياتى ئۇرغۇۋاتقان بىر ئاي. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىدىكەن. رامىزان ئېيىدا دىننى سۇسلاشتۇرۇش، دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يەر بىلەن يەكسان بولدى. لېكىن رۇسىيە يەنىلا ئۇ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. رۇسلار ھازىرمۇ ئىسلامىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا پۇتىن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى دوراپ مۇسۇلمانلارنىڭ تاشقىرىدا ناماز قىلىشىنى چەكلىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ شوئارلىرى ۋە سىمۋوللىرىدىن بىئارام بولماقتا. موسكۋادىكى مەسچىتلەر مۇسۇلمانلارغا يەتمەيۋاتىدۇ. بولۇپمۇ رامىزان ئايلىرىدا مۇسۇلمانلار ئوپچە ناماز قىلىشنى خالايدۇ. پۇتىن مەسچىتكە پاتمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا، يەنى سىرتتا ناماز قىلىشىنىمۇ چەكلىمەكتە. رۇسلارنىڭ ئوي-پىكرى بىلەن فرانسۇزلارنىڭ ئوخشاش. يەنى ئۇلار ئىسلامى ھېسسىياتلارنىڭ ئۇرغۇشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت سېلىشىغا، چەت دۆلەتلەرگە بىزدە دىنىي ئەركىنلىك بار دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا رۇخسەت قىلماقتا.
مۇستافا ئۆزجان ئەپەندى مىللىي گېزىتتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مەريەم جەمىلە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا رامىزان ئېيىدا يازغان خېتىدە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا ئوخشاشلا خىتاينىڭمۇ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-مەريەم جەمىلە خانىم خېتىدە رامىزان ئېيىدا موسكۋادا مۇسۇلمانلارغا بولغان زۇلۇمنىڭ قاتمۇ-قات كۈچەيگەنلىكىنى يازغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ بېسىم سىياسىتى ئاراقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدە روزى تۇتۇش چەكلەندى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر ئىجتىمائىي مەتبۇئاتلاردا تارقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆججەت بويىچە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ روزى تۇتۇشى مەنىي قىلىنغان. سەۋەب روزى تۇتۇش ئىشلەپچىقىرىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ئوخشاش شەھەرلەردە ئاشخانا خوجايىنلىرى ئاشخانىلىرىنى ئېتىۋالسا بولمايدىكەن. ئەگەر رامىزان ئېيىدا ئاشخانىسىنى ئاچمىسا، ھۆكۈمەت بىر يىلغىچە ئاشخانىسىنى ئاچقىلى قويمايدىكەن. كوممۇنىست پارتىيە كادىرلىرى يېزىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ دېھقانلارنىڭ روزى تۇتقان- تۇتمىغانلىقىنى كۆزىتىدىكەن. ھەتتا كىشىلەرنىڭ روزى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سۇ ئىچۈرۈپ باقىدىكەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى رامىزان ئېيى بىلەن مانا مۇشۇنداق كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ. خۇددى مەريەم جەمىلە خانىم خېتىدە يازغىنىدەك.