تۇرسۇنگۈل: «بىز ھۆكۈمەتتىن ھەممە مىللەتكە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز»

2003-يىلى 26-مارت، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىدە، ئۇرۇق تۇغقانلىرى قازاغا يولۇققان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىللىك ئەرز قىلىش نەتىجىسىدە، يېقىندا ھەر بىر ئائىلە 200 مىڭ يۈەندىن تۆلەم پۇلغا ئېرىشكەن.

0:00 / 0:00

ئۇنداقتا ئەينى چاغدا ئېرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلغان بۇ ئاياللار قانداق مۇشەققەت ۋە شەرتلەر ئاستىدا بۇ پۇلنى ئالدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق داۋاسىنىڭ بۇ خىل ھەل قىلىنىشىغا رازىمۇ؟

بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا 2003-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسىدە ئەرلىرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۇرسۇنگۈل، گۈلباھار، بۈسارە، مۇنەۋۋەر، ھۆرىگۈل، ئايشەمگۈل قاتارلىق 11 نەپەر ئۇيغۇر ئايال ھەم جۈرئەت ھاجى قاتارلىقلارنىڭ، ئۆزلىرىگىمۇ ۋەقەدە قازا قىلغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە ئوخشاش 400 مىڭ يۈەندىن تۆلەم پۇل بېرىشنى ھەمدە ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

بۈگۈن ئۇلاردىن تۇرسۇنگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشى ۋە ۋەقە ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا خەۋەر بېرىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىل 8-ئايدا قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ «ياردەم پۇلى نامىدا» ھەر بىر ئائىلىگە 200 مىڭ يۈەندىن پۇل بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرسۇنگۈل خانىم بايانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەرز قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئادالەتسىز مۇئامىلىلەر ھەم تارتقان جەبرى-جاپا، مۇشەققەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە قازا قىلغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنىڭ بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆز ھەق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2003-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋە بۇلاش ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى ھەققىدە مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بولسۇن بۈگۈنگە قەدەر ۋەقە ھەققىدە كىشىلەرگە قايىل قىلارلىق بىر جاۋاب بەرمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ۋەقەنى «ئىسلام تېررورچىلىرى قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئېنىق پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان بۇ ۋەقە ھەققىدە خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بېزىلەر ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلار قىرغىزىستاندىكى بۇلاڭچىلار بۆلىشى مۇمكىن دېسە، ئەمما يەنە بېزىلەر بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنىڭ كەينىدە مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدىمۇ ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەمما شۇ قېتىمقى قازادا ئائىلىلەرنىڭ تىرىكچىلىكىدىكى يۆلەنچۈكى بولغان ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا، ۋەقەدە ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئائىلىسىگە 400 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوخشاش زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن خىتايلاردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.