ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 32.2% كە چۈشۈپ قالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشخانىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، 2010- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار 67.8% كە ئۆرلىگەن، مىللىي ئوقۇغۇچىلار 32.2% كە چۈشۈپ قالغان.

0:00 / 0:00

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتالغان يەككە تىللىق خىتايچە مائارىپ سىياسىتىنى توختاتمىسا، بۇ خىل ئەھۋال يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

"ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشخانىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن تەييارلىغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 1978- يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈپ قالغان.

مەلۇماتتا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ."ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 2010- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر 65مىڭ889 نەپەر بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە دوكتور ئاسپىرانتلىرى 161 نەپەر، ماگىستىرلار 3241 نەپەر، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى تۈگەتكەنلەر 28 مىڭ 345 نەپەر، ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى تۈگەتكەنلەر 34 مىڭ 142 نەپەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار 44مىڭ 657 نەپەر بولۇپ، ئومۇمى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر نىسبىتىنىڭ 67.8% نى ئىگىلىگەن، مىللىي ئوقۇغۇچىلار 21مىڭ232 نەپەر بولۇپ، ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 32.2% نى ئىگىلىگەن."

"ئۇيغۇربىز" توربېكىتىدە يەنە، 1978- يىلدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى بىلەن 2009- يىلىدىكى نىسبەت سېلىشتۇرما قىلىنىپ: "1978-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 77.8% ئىدى، ئەمما 2009- يىلغا كەلگىنىدە بۇ نىسبەت ئازىيىپ 33% كە چۈشۈپ قالدى." دەپ بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئالىي مەكتەپلەردە بۇندىن كېيىن مىللىي تىلدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەلىرىنىڭ يەنىمۇ ئازلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، سۆزىدە ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان تەبىئىي پەن كەسىپلىرىنى ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ كېتىشىگە ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇئا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2010-يىلى 1-دېكابىر ئۈرۈمچىدە "خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش 6-قېتىملىق پىلان يىغىنى" نى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا كەلگۈسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 30مىڭ نەپەر مىللىي ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بېرىش قارار قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە ستۇدېنتلارنى تەربىيىلەپ بېرىش 2010- يىلدىن 2015-يىلغىچە پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل 2010-يىلى رايوندىن قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار سانى 2000 نەپەر بولغان بولسا، 2015-يىلغا بارغاندا يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 6800 نەپەرگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇشى ھەم مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆپلەپ ئەۋەتىلىشىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ مىللىي مائارىپىنى ۋەيران بولۇشقا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆز ئەندىشىسىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مىسالغا ئېلىپ، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەتتا تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوخشاش بەزى فاكۇلتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تارقىتىۋېتىلىپ، باشقا فاكۇلتېتلارغا قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان" قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتالغان خىتاي تىلى مائارىپ تۈزۈمىنىڭ كېڭىيىشى، رايوندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئانا تىل مۇھىتى ۋە مىللىي مائارىپتا تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان. بۇ خىل ئەھۋال ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تۈركۈملەپ ئەۋەتىش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدىكەن.