مۇتەخەسسىسلەر «شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى» غا باھا بەردى

«شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت سىياسىتى يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە باشلانغان 2‏-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسۇل بايرىمى» 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن «ناۋاغ ۋەقەسى» سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلەشكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. بەزى ئانالىزچىلار نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىپ، بايرامنىڭ خەلقئارا كۆلىمىنىڭ ئۇرغۇلۇنۇشى، ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىردەك قاتنىشىشىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر سىياسىي سىگنال بەرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.

15 كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر بايرام خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن يۈز بەرگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 12 مۇقامنى ب د ت نىڭ قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، شۇنداقلا يەنە ب د ت مەدەنىيەت فوندى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، مەشرەپنى دۇنيا مەنىۋى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر پائالىيىتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت سىياسىتى چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەرەللىك «شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان «ئىجابىي» قەدەم. بىراق بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى مەشرەپ، 12‏-مۇقام ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى ئالغا سۈرۈشكە كۆرسەتكەن بۇ خىل تىرىشچانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقى، ئۇيغۇر بىناكارلىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشقا كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن مەسىلىدۇر.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىشلىرىدا مەردلىك قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئۇنچىلىك مەردلىك كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قەشقەر شەھىرىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۈملىدىن 12 مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇ نەرسىلەردىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

قاھار بارات، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى بولغان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە مەھەللە ھاياتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇسۇل بايرىمى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي، چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەردىن بولۇپ 1 5 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقلاردىكى 2000 غا يېقىن سەنئەتچى نومۇر كۆرسىتىدىكەن. لېكىن بۇ قېتىمقى بايرامدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا «شىنجاڭ» نىڭ ئېغىزدا بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئاپتونوم ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان رايون ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىدۇر. خىتاي مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى جاۋ شاۋخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە ئەسكەرتىپ، «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ كۆپ خىل مىللەتلەر ئىرماش-چىرماش بولۇپ ياشىغان، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ياشىغان جاي» دېگەن.

دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى نىقابلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق بۇ خىل مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىنى قوللاشقا ئەرزىيدىغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇلىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن بايلىقىنى قوغداشقا ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» كېيىن، ب د ت مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مەشرەپنى ب د ت نىڭ قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. بىراق دۇنيا مەدەنىي مىراسلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى يىپەك يولىدىكى قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق مىراسى، دەپ ئېلان قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل 4‏-ئايدا چىقارغان قەشقەرنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىدە بۇ مەسىلىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇپ، قەشقەرنى يىپەك يولىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار مىراسى، دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەكلىپىگە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىراق خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن مەشرەپ ۋە 12 مۇقامنى مەنىۋى مىراس ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەرنى يىپەك يولىدىكى مەدەنىي مىراس، دەپ ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ، شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشى بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ئىككى خىل تەسىرات پەيدا قىلغان ئىدى. دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدا تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ مەدەنىيەت مەسىلىدىكى تونۇشى قاھار باراتنىڭكى بىلەن نېگىزلىك پەرقلەرگە ئىگە. نۇر بەكرى «شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسۇل بايرىمى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە جاكارلاپ، «يىپەك يولىنىڭ ئىنسانىيەتكە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى ئېچىۋېتىش، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىدۇر» دېگەن.