پويىزدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي يولۇچىلار بىلەن جېدەللىشىش نەتىجىسىدە ھېيت نامىزىنى ۋاگوندا ئوقۇيالىغان

تامامەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە ئىككى مىللەت ئارىسىدا يەنە مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسا، ئۇلارنىڭ تىنچلىقتا بىللە ياشىيالىشىنىڭ قىيىنلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىسپاتلانماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىسىدا قاتناۋاتقان بىر پويىزدا ئۇيغۇر ۋە خىتاي يولۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن جېدەللەر، ئەنە شۇ رېئاللىقنىڭ پەقەتلا بىر مىسالىدۇر.

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر، تىركىشىشلەر ۋە جېدەل ماجىرالار، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شۇنچە كۆپ تەشۋىقات ۋە شۇنچە قاتتىق باستۇرۇشلارغا قارىماي ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋام قىلماقتا. ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ماجىرالاردا، خىتايلار دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ زوراۋانلىق قىلسا، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يولسىزلىقلىرىغا جايىدا ۋە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تۆكۈلگەن قانلار، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چۆچۈتكەن، بىر قىسىم خىتاي ساقچىلىرىنىمۇ، مىللىي ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇرلىغان. خىتاينىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن؛ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرگەن ۋە ئۆزئارا چىڭ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولغان.