دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتى» ھەققىدىكى سۆھبەتتە 50-60-يىللاردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەر خىل كۈرەش ۋە باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار 70-يىللارنىڭ ئاخىرى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت ئوچاقلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەيران قىلىنغان مىللىي مائارىپ، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ، 80-90-يىللاردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەر، خەلقى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىدىغان زىيالىيلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە بىئولوگىيە ئالىمى ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان ئىلىم ئەھلى بولۇش بىلەن بىللە يەنە، 80-يىللاردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىدىكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق تۆھپە ياراتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئاۋانگارت رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان تىل، مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەت خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بىر دەۋردە، زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئېلىپ بارغان ھەر بىر ئەمەلىي ئىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىدە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.