مىڭئۆي يادىكارلىقلىرىدىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر كەمچىللىكىگە قارىماستىن، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز تەرەققىياتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

60 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان فولكلورشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆز ۋاقتىدا رىشات سابىتوف، باتۇر ئارشىدىنوف، ماھىنۇر ئالىيېۋا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ باي نەمۇنىلىرىنى تەكشۈرگەن ھەم بىر نەچچىلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىجات قىلغان.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى فولكلورشۇناسلىق مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلبەھرەم مولۇتوۋا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭئۆيلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن باغلاشتۇرغان ھالدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.