كانادادا چىقىدىغان يەرشارى مەكتۇپلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى دېموكراتىك پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئىزچىل ھالدا مىنىستىر چەننىڭ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە كانادادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇۋاتقانلىقىغا نارازى بوپ كەلمەكتە ئىكەن. چەن يەنە خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاھىدە يېقىنلىشىش بىلەن بىرگە كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە ۋە خىتاينىڭ زىتىغا تېگىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان مەتبۇئاتلارغىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، چەننىڭ 2010-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، كانادادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىگە 28 پارچە ماقالە يېزىپ بەرگەنلىكى مەلۇم. ئۇ يەنە كانادادىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ بايراق چىقىرىش، يېڭى كونسۇللارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىملىرىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بولۇۋاتقان مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چەن، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولۇپ، داۋاملىق ھالدا خىتاينى ماختايدىغان سۆھبەت ۋە زىيارەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇ يەنە كانادادىكى خىتايغا ئەڭ كۆپ قاترايدىغان مىنىستىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ ئالدىنقى قېتىم مەلۇم بىر خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 1980-يىلىدىن ئېتىبارەن 70 قېتىمدىن ئارتۇق خىتايغا قاترىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ: «سىز خىتايغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مىنىستىر ئىكەنسىز،سىز ئۆزىڭىزنى كانادالىق ھېسابلامسىز ياكى جۇڭگولۇقمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا مەن كانادالىق ئەمما، ئەسلى نەسلىمگە ۋە خىتايلارنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن.
2009-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇراسىمىغا مىنىستىر چەن ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. چەن شۇ يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقان ۋە مۇخبىرلارغا خىتاينى مەدھىيىلەپ شېئىر ئوقۇپ بەرگەن. ئۇ يەنە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر قانداق چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن تەكلىپسىز قالمايدىغان بولۇپ، خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغىمۇ ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.
كانادادەك بىر دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مىنىستىر چەننىڭ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توختىماي يۈز بېرىۋاتقان خىتايدەك بىر دىكتاتور دۆلەت بىلەن ئالاھىدە ئاپاق-چاپاق بولۇشى ۋە كانادادا خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە خىتاي ھەققىدە سەلبىي ماقالىلەر ئېلان قىلغان مەتبۇئاتلارغا قارىتا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشتەك ئىككى خىل ئۆلچەم پوزىتسىيىسى، كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە مەتبۇئات ساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەسىلەن، چەن 2008-يىلى خىتايغا بارغاندا، خۇبېي ئۆلكىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇ شياۋيۈن بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يەنە سۇ شياۋيۈن بىلەن، بۇ يىل ماي ئېيىدا خىتاينىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن بىر مۇراسىمدا ئالاھىدە كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى يەنە، چىڭداۋ شەھەرلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زاڭ ئەيمىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم.
كانادا جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ك س س نىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، جاسۇسلۇق مۇتەخەسسىسى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ سابىق باشلىقى مايكىل كاتسۇيا خىتايدىكى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئاتالمىش خىتاي بىرلىك سەپ بۆلۈمى،خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى شۇنداقلا خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 5 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى، مىنىستىر چەن ئۇلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشتىن بۇرۇن بۇ ئورگاننىڭ ماھىيىتىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.»
ئۇ يەنە قاتتىق تەلەپپۇزدا: «تولىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، بىر كانادا مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن ھەمكارلىشىشى، بۇ خۇددى شەيتان بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بىر ئىش. چۈنكى، خىتاي جاسۇسلۇقى غەربنىڭ ۋە ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار داۋاملىق پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، ئەگەر سەن بىز بىلەن ھەمكارلاشساڭ تىجارەت ئىشلىرىڭ ۋە كېلەچىكىڭ داغدام بولىدۇ دېگەن تەكلىپنى دەسلەپتىلا ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ» دېگەن.
ئۆتكەن يىلى كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارت فاددەن،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل چارىلەر بىلەن كانادالىق سىياسەتچىلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەندىن كېيىن، كانادادا ياشاۋاتقان خىتايلار بۇنى پاكىت ئىسپاتى بولمىغان بىمەنىلىك دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. يېقىندا يەنە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئايال مۇخبىرى شى رۇڭ سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. نۆۋەتتە ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى چەننىڭ بېيجىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان ئالاھىدە يېقىنچىلىقى، بولۇپمۇ خىتاي بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى مۇنازىرە قىلىنماقتا.
بۇ ھەقتە تورونتودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادالىق سىياسەتچىلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ،كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەيران قالارلىق يېڭى ئىش ئەمەس» دېگەن.
ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ كانادادىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا مەدەنىيەت فېستىۋالىغا ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتۇرۇلمىغان. 3 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا مەدەنىيەت فېستىۋالىغا ئونتارىئو ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساھايەتچىلىك مىنىستىرلىقى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ خىتايلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى، خىتاي تىلىدا چىقىدىغان خەلقئارالىق گېزىت بولۇپ، ئۇ خەلقئارالىق ئاخباراتچىلىق ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرى بويىچە بىتەرەپ خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىدىغانلىقى، فالۇڭگۇڭ ھەمدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەر بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
2008-يىلى تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا مەدەنىيەت فستىۋالىدا ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى كۆرگەن خىتاينىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇ تاۋيىڭنىڭ غەزەپلەنگەن ھالدا مۇراسىمنى تەرك ئەتكەنلىكى ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك مىنىستىرى چەننىڭمۇ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان ئىدى.
بۇ قېتىم ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنىڭ رەت قىلىنىشى، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا مىنىستىر چەن ھەققىدىكى گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئۇلغايتماقتا.
نۆۋەتتە كانادادا يەرلىك سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، يەر شارى مەكتۇپلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چەننىڭ ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئاسىيا مەدەنىيەت فېستىۋالىغا قاتناشتۇرماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە سايلام مەزگىلىدە بىرەر ئىجابىي بولمىغان ماقالىلەرنى يېزىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.