مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى: «مىرئادىلجان ئاللا يولىدا ماڭدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىلغان ئىكەن» (1)

مىرئادىلجاننىڭ جەسىتى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىلمىگەندىن سىرت، ئۇ ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جىنايى قىلمىشلارنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى كۆرسىتىلمىگەن.

0:00 / 0:00

2009-يىلى فېۋرالدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خوتەندە مىرئادىلجان مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە «قولغا ئالغىنى كىرسەك قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ئېتىپ تاشلاندى» دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، مىرئادىلجاننى ئېتىش قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.

شۇندىن بېرى مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخان ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھەقىقەت ئىزدەپ دەۋا قىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

بىز مىرئادىلجان مۇھەممەت توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشتۇق.
تەلىيىمىزگە يارىشا تېلېفون مىرئادىلجاننىڭ ئانىسىغا ئۇلاندى. مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخان ئەسلى خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدىن پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىشىلەر ئۇنى ئوغۇلخان خانىم دەپ ئاتايدىكەن. بىز بىلەن سالاملىشىپ تېلېفوننى ئالغان ئوغۇلخان خانىمنىڭ بىرىنچى سۆزى«مىرئادىلجان ئاللا يولىدا ماڭدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىلغان ئىكەن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

ئوغۇلخان خانىمنىڭ جاۋابلىرىدىن بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوغلىدىن ئايرىلىش ھەسرىتىنى سېزىۋېلىش قېيىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك، جاۋابلىرىدىكى كەسكىنلىكلەردىن ئۇنىڭ بىر قەيسەر ئانا؛ بىر ئۇيغۇر ئانا؛ ئەڭ مۇھىمى- بىر ئىمانلىق ئانا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئانچە قېيىن ئەمەس ئىدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئوغۇلخان ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى ئىزدىگەن. ھالبۇكى، شەھەرلىك ساقچى ۋىلايەتلىك ساقچىغا، ئۇلار يەنە بىرىگە ئىتتىرىشىپ ئوغۇلخاننىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىغان.

مىرئادىلجان مۇھەممەت كىم؟
مىرئادىلجان مۇھەممەت ئەسلى خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 2002- يىلىنىڭ ئاخىرى « ناماز ئوقۇدى»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتى» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىرئادىلجان مۇھەممەتكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خېلى ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخان خانىمنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە، مىرئادىلجان خىزمەتتىن قالغاندىن كېيىن، بىر دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئاشخانا ئاچقان ۋە يەر ئېچىپ، دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىپ ساتقان. ئەمما، خىتاي ساقچىلىرى دائىم ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ، سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلغان ۋە پەقەت ئىشىنى يالچىتمىغان.

مىرئادىلجان 2004- يىلى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قايتىشىدا ئاپتوبۇستا قولغا ئېلىنغان ۋە 3 يىل قامالغاندىن كېيىن 2007- يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

يۇقىرىقىسى ئوغۇلخان خانىمنىڭ بايانلىرى. بەزى مەلۇماتلاردا مىرئادىلجاننىڭ كورلىدىكى بايىنغولىن تۈرمىسىدە ياتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مىرئادىلجان تۈرمىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ياشىغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى تەقىب قىلىنغان.

ئۇ قويۇپ بېرىلىپ بىر مەزگىل نىسپىي ئەركىن ياشىغان. ئەمما، 2008-يىلى 19-دېكابىر خوتەن شەھەر توساللا يېزىسىدا ئەقىقە (يەنى ئات قويۇش) مەرىكىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا جاسۇسلار يەنە «مىرئادىلجان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئۈچۈن يىغىلدى» دەپ خەۋەر يەتكۈزگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئەقىقە مەرىكىسىگە يىغىلغانلارنى مىرئادىلجان بىلەن بىرگە تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەندە، مىرئادىلجان ۋە باشقىلار قېچىپ كەتكەن. شۇندىن بىرى خىتاي ساقچىلىرى مىرئادىلجاننى داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىغان.

بىزگە بۇ ھەقتە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، شۇ مەزگىلدە خوتەندە بىر نەپەر خىتاي نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. قاتىلنى تېپىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپتۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە قالغان خىتاي دائىرىلىرى جىنايەتنى ساقچىلاردىن قېچىپ يۈرگەن مىرئادىلجانغا ئارتقان ۋە ئۇنى قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

مىرئادىلجاننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە بىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇققان ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن ج خ ئىدارىسى باشلىقى مۇختەر جىڭۋېي(ئۇيغۇر) بىر توپ قوراللىق ساقچىلارنى باشلاپ ئۇ يەرگە بارغان، 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆيگە بېسىپ كىرگەن.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخاندىن ئاڭلايلى:
دەرۋەقە مىرئادىلجان ئۆيدە بار بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى بېسىپ كىرگەندە ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، مىرئادىلجاننى ئېتىپ تاشلىغان ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى ماشىنىغا بېسىپ بىرگە ئېلىپ كەتكەن.

بىزگە كەلگەن ۋە بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىرئادىلجاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتىنىڭ2 - ئاينىڭ 14- كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى«بىز قاتىلنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن گۇماندار يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۆيگە بېسىپ كىرگەندە، گۇماندار قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلىدۇق» دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى قەتئىي مەخپىي تۇتقان.

بىزگە بۇ ھەقتە كەلگەن مەلۇماتلاردا، مىرئادىلجاننىڭ پەقەتلا مەنسەپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىماستىن مۇختەر جىڭۋېي دېگەن ساقچى ئەمەلدارىنى ۋاقىتتىن بورۇن دەم ئېلىشقا چىقىرىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇختەر (يەرلىكلەر ئۇنى مۇختەر جىڭۋېي دەپ ئاتىشىدۇ) گە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ تېلېفوننى «خاتا بولۇپ قاپتۇ» دەپ قويۇۋەتتى.

كېيىن خوتەن ج خ ئىدارىسىدىن مىرئادىلجاننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، خوتەن ج خ ئىدارىسىنىڭ ھازىرقى باشلىقى ئابلەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ساقچى ئىدارىسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

ئۇنداقتا ئوغۇلخان خانىم قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى؟ ئۇنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى قانداق؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، پروگراممىمىزنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىز.