ئوغۇلخان خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مىرئادىلجاننى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەي مەخپىي كۆمۈۋەتكەن ۋە كۆمۈلگەن ئورۇننى ئانىسىغا كۆرسەتمىگەن.
ئوقۇلغان خانىم ئوغلىنىڭ ناھەق ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئوغلىنىڭ زادى نېمە جىنايەت بىلەن ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان. ھالبۇكى دائىرىلەر ئوغۇلخان خانىمنىڭ ئەرز قىلىش يولىنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن.
ئوغۇلخان بۇ خىلدىكى بېسىملارغا باش ئەگمەي دەۋاسىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
خوتەندە 2009-يىلى فېۋرالدا ئېتىۋېتىلگەن مىرئادىلجان مۇھەممەت توغرىسىدا بىزگە كەلگەن ۋە ئانىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىرئادىلجاننىڭ خىتايلار ئىلگىرى سۈرگەن «تېررورچى» ئەمەس بەلكى، يوشۇرۇن ياكى ئوچۇق ئاشكارا سورۇنلاردا دىنىي تەبلىغ ئېلىپ بارغان ۋە ياكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كىنىشكىسىسىز جۈمە خۇتبىلىرىنى ئوقۇغانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ ھەقتە مىرئادىلجاننىڭ ئانىسى ئوغۇلخان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مىرئادىلجاننى ئۆز قىزىغا ئەقىقە يەنى ئات قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىزدىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەقىقە ئىسلام دىنىدىكى سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ 7 كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسىم قويۇش ۋە تۇغۇلغان بالىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمىدۇر.
مىرئادىلجاننىڭ، ئۆز بالىسىنىڭ ئەقىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ئىزدەش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىغا قارىغاندا، ئەقىقە ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر ئېلىدە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ قارالسا كېرەك.
ئەقىقە، 2008-يىلى 19-دېكابىر خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن.
مىرئادىلجان ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ساقچىلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ۋە ئىككى ئايغا يېقىن مۆكۈنۈپ يۈرگەن.
شۇ ئەسنادا ساقچىلار بىر قىسىم قارىيلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭ ئانىسىغا خىزمەت ئىشلىگەن.
ئوغۇلخان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا دائىرىلىرى مىرئادىلجاننى «قولغا چۈشكەن ھامان نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش» بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوغلى ئېتىۋېتىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئېتىۋېتىش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى شۇڭا ئۇنى تېپىپ قىلغان تەبلىغلىرى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2009-يىلى 14-فېۋرال ئەتىگەندە خىتاي دائىرىلىرى مىرئادىلجاننى تېپىپ، نەق مەيداندا ئېتىپ ئولتۇرۇۋەتكەن. نۆۋەتتە ئوغۇلخان خانىم دائىرىلەردىن بۇنىڭ جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
دائىرىلەر ئوغۇلخان خانىمنى ئەرز قىلىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدىكى بېسىملارنى ئىشلەتكەن. بۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭغا بېرىلگەن روھى بېسىم.
بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولغان. ئوغۇلخان ئەرز قىلىپ دائىرىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەرگەندىن كېيىن، 2010-يىلى كۈزدە دائىرىلەر بىر جاۋاب بېرىش يىغىنى چاقىرغان.
ئوغۇلخان خانىمغا كەلگەن يەنە بىر بېسىم—ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش بېسىمى بولغان. ئوغۇلخاننى ئىزدەپ كەلگەن ئۇ ئەسلى ئىشلىگەن يېزائىگىلىك مەكتىپىدىكى مەسئۇل خادىملار ئۇنى ئەرز قىلىشتىن توختاشقا، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بارلىق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
تۆۋەندىكىسى ئوغۇلخان خانىمنىڭ مەكتەپ مەسئۇللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان چەكلەش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنتايىن نۇرغۇن ئىكەنلىكى، ھەتتا تۈرمىلەردە سوراقسىز يېتىپ كەتكەن ئۆسمۈر تالىپلارنىڭمۇ بارلىقى، مىرئادىلجان پاجىئەسىنىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلققە ئاشكارىلانغان پەقەت بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.