گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ پاجىئەسى ھەققىدە توختالدى

گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرى «قوشنا-خۇلۇملار ئۇچرىشىشى» ناملىق سورۇنىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 12 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ پاجىئەسىگە ئېچىندى ۋە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ۋەتەن-خەلقىنى سېغىنىش، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە ئىنتىلىش، ئىنسانلىق قىممەت، كىشىلىك ھايات، مەنىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ياشاش يولىدا، مۇھاجىرەتتىكى غېرىبلىق ئازابىنى ئۇنتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەرلىرىدىكى ۋەتەنداشلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك سورۇنلارنى كۆپەيتمەكتە. جۈملىدىن گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى «قوشنا-خۇلۇملار ئۇچرىشىشى» ناملىق بىر سورۇننى ھازىرلاپ، داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ئۆزگىچە بولغان.

بىر قانچە ئايدىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ۋە دوستلىشىش مەقسەت قىلىنغان «قوشنا-خۇلۇملار ئۇچرىشىشى» ناملىق يىغىلىشىدا توپلاشقان گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى بىر قىسىم مۇھاجىر ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 12 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ روھىغا دۇئا قىلدى ۋە بۇ ۋەھشىيلىكنى تەنقىدلىدى.

مەزكۇر پائالىيەت ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزىدىن كېيىن تاكى شام نامىزىغا قەدەر ئىشتىراكچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە نۆۋەت بىلەن يىغىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىختىيارى پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتتە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن دىن، سىياسەت، ئەركىن مۇنازىرە ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىش قاتارلىق كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان تېمىلار مەزمۇن قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

بۇ قېتىم مىرزاھىد ئامانۇللا شاھيارنىڭ پاجىئەسىدىن غەزەپلەنگەن سورۇن ئەھلى، ئاساسلىق تېمىسىنى بۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. مەرھۇمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇئايى-سالاملار يوللىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىكىر بايان قىلغۇچىلار بىردەك، بۇنداق ۋەقەلەرگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاسىنى بىلدۈردى.