12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈمى ئىنكاس قوزغىماقتا

كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ 21-ماي كۈنى كورلا ساقچىخانىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۆلۈمى، مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.

0:00 / 0:00

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ساقچىخانىدىكى ئۆلۈمى ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ كورلا ساقچىخانىسىدىكى ئۆلۈمى ھەققىدە ئىنكاسلار يېزىلىپ، تەشكىلاتلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-ئىيۇن كۈنى ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد» پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش نامىدا، ھەتتا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 4-ئىيۇن كۈنى ئۆز تور بېكىتىدە ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىمۇ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.

15 كۈنگىچە ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگە كەلگەندە ۋەقەنى تۇنجى قېتىم بۇرمىلاپ خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ھەم «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىقلاردا بېرىلگەن خەۋەرلىرىدە، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان جايىدا تاياق يەپ بېشى يېرىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەقەگە قارىتا ئىنكاسىنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى بىر باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەنى 15 كۈن سىر تۇتۇشىنىڭ ئۆزىلا، مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەسلى ئۆسەك سۆز تارقىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى. ئۇلار 12 ياشلىق ئۆسمۈرنىمۇ ئايرىپ قويماي ساقچىخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتەك جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ، قۇتۇلۇشقا ھەم تېخىمۇ زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەكتە.»

دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان خەۋەرلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىش ھەم دىنىي تەلىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايلارنى بىراقلا يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ۋەقەدىن خەۋەردار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەد مۆمىن ئەپەندى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىرزاھىدنىڭ بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دادىسى ئامانۇللا شاھيار تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىشى سەۋەبلىك، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامانۇللا شاھيار ئەپەندىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 500 دىن ئۇيغۇر قاتارىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى بەرگەن. ئىككى ئاي ئىلگىرى مىرزاھىد ئامانۇللا ھەم ئۇنىڭ ئانىسى رىزۋانگۈل خانىم، ئاكىسى مىرادىل ئامانۇللالار تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللا 21-ماي كۈنى كورلىدىكى خىتاي ساقچىخانىسىدا دادىسىنى كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان.

ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى 7 ئايلىق مەزگىلىدىن باشلاپ دادىسىدىن ئايرىلغان مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دادىسىنى كۆرۈش ئارزۇسىغىمۇ يېتەلمىگەنلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى ئاساسلىق مۇنازىرە ھەم ئىنكاس تېمىسىغا ئايلانماقتا.