'تار كوچا' -- مىرزات ئالىم ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ھايات

ئۆتكەن يىلى 8 - ئاي ئىچىدە ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك دەھشەتلەر تېخى كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.

0:00 / 0:00

مىرزات ئالىم "ئاجراشماڭلار ئاتا - ئانىلار"، "تار كوچا" قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن خەلق ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان ناخشىچى ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئىپادىلەنگەن يۇمشاق، يېقىملىق، سۈزۈك مېلودىيىلەر ئۇنى ئەل سۆيگەن ناخشىچىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.

كۈرەش كۆسەن ئىجادىيىتىدىكى "ئاجىراشماڭلار ئاتا - ئانىلار" نامىدىكى ناخشا ئۇنى سەنئەت ساھەسىدە تونۇتقان بولسا، ياسىن مۇخپۇل ئىجادىيىتىدىكى "تار كوچا" نامىدىكى ناخشا ئۇنى ئەل قەلبىگە باشلاپ كىرگەن ئىدى.

بۈگۈن مىرزات ئالىممۇ، كۈرەش كۆسەنمۇ ئارىمىزدا يوق. ئۇلار سەنئەت ساھەسىدىكى يېقىن سەپداشلار، تۇرمۇشتىكى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدى. ئۇلار سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس سەنئەت نەزەرىيىسىگە، سەنئەت مائارىپىدا يېتىلگەن ئىقتىدارغا ئىگە سەنئەتكارلاردىن ئىدى.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر دۈشمەن تەرىپىدىن بىرى ئاشكارا ئۇسۇلدا، بىرى يۇشۇرۇن ئۇسۇلدا نابۇت قىلىندى. بىرىنىڭ جاراھىتى تەندە بولسا، بىرنىڭ يۈرەكتە ئىدى.

كۆرەش كۆسەننىڭ ئۆلۈمى مىرزات ئالىمنى تولىمۇ قايغۇغا سالغان ئىدى. كۆرەش كۆسەننىڭ ئۆلۈمىگە پەتىگە بېرىش، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش قاتتىق مەنى قىلىنغان شۇ كۈنلەردە مىرزات ئالىم ھۆكۈمەتنىڭ بۇ چەكلىمىلىرىگە پەرۋا قىلماي كۇچاغا بېرىپ پەتە قىلغان، 3 كېچە - كۈندۈز دۈم يېتىپ قارلىق تۇتۇپ، ھازا ئاچقان ئىدى.

مىرزات ئالىم ئىنسانىي دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىقلارنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ناخشىچى ئىدى. ئەمما، ئۇ خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىندى، كۆزلىرى ئۇيۇپ ئېلىنىپ، تەنلىرى قىيما قىلىندى.

مىرزات ئالىم ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى، جاراڭلىق ناخشىلىرى يەنىلا ئەل قۇلىقىدا جاراڭلاپ تۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.