ئۆتكەن ھەپتە ئەرەبلەرنىڭ سۈرىيە كرىزىسى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قارار ماقۇللاش ئارزۇسى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيىدە بىھۇدە قان تۆكۈشىنى توختىتىش ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى جازا قوللىنىش يولىدا جىددىي ئىزدىنىشكە باشلىدى.
شۇ مەقسەت بىلەن 2012-يىلى 12-فېۋرال كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ چوڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىندا مۇھىم قارارلار ئېلىندى.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 13-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. گېزىتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۈتۈلگەن چوڭ يىغىنى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ھەممە بىردەك سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى ۋە سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەر تەرەپلىمە ئېغىر جازالارنى قوللىنىش ھەققىدىكى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. سۈرىيىدە بىگۇناھ خەلقنىڭ كۈندە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدىغان، ئۇچىغا چىققان ۋەھشىيلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.»
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەلىپى قاتتىق بولدى
گېزىتتە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇئۇد فەيسەل سۈرىيىدە بىھۇدە ئېقىۋاتقان قاننى تاماشا قىلغاندەك سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئەرەبلەر ئۈچۈن ۋە جىمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى، قانخورلۇقى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ قاتتىق ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيىدىكى نامايىشچى خەلقنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇلارغا جىددىي ياردەم قولىنى سۇنۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. سۇئۇد فەيسەل يەنە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن جازالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.»
يىغىننىڭ قارارى
گېزىتتە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈنۈگۈنكى چوڭ يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلىشىپ تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى تەشكىللەش ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىش، سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن ئەرەب كۆزەتچىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى توختىتىش، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە سىياسىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش، خەلقنىڭ كۈنلۈك ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلىرىنىڭ سىرتىدا سۈرىيىگە كىرىدىغان تاۋارلارنى توسۇش قاتارلىق قارارلار ئېلىندى.»