ئوت ئاستىدا قالغان مىسىر تارىخى
2011.12.20
مىسىرلىقلار ئەسكەرلەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنى تىكلەشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغانغا بىر قانچە كۈن بولۇپ قالغان ئىدى.
2011-يىلى 17-دېكابىر شەنبە كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش يولىدا چوڭ كۆلەملىك نامايىش بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇش ئەۋجگە چىققان ۋە مىسىرنىڭ «ئىلمىي ئاكادېمىيىسى» بىلەن «مىسىر جۇغراپىيە جەمئىيىتى» بىنالىرى ئوت يالقۇنى ئاستىدا قالغان.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ2011-يىلى18-دېكابىر يەكشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، مىسىرلىق مۇھەممەد ئەجەم دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «مىسىر تارىخى ئوت دولقۇنى ئاستىدا قالدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-جۈمە كۈنىدىن بىرى قاھىرە شەھىرىدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى بىناسىنىڭ ئالدىدا توپلانغان نامايىشچىلار بىلەن مىسىر ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇش سەۋەبلىك مىنىستىرلار كېڭىشى بىناسىنىڭ ئەتراپى ئوتقا تۇتۇلۇپ، مىسىرنىڭ «ئىلمىي ئاكادېمىيىسى» بىلەن «مىسىر جۇغراپىيە جەمئىيىتى» بىنالىرى كۆيۈپ كەتكەن. مىسىرنىڭ «ئىلمىي ئاكادېمىيىسى» بىناسى مىسىرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقە ئورنى بولۇپ، 1987-يىلى قوغدىلىدىغان تارىخىي ئىسلام مەركىزى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنى فرانسىيىلىك ناپاليون مىسىرنى ئىشغال قىلغىنىدىن كېيىن، مىسىردا ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش مەقسىتى بىلەن تەسىس قىلغان ئىكەن.
مىسىردا ئەڭ قەدىمىي ئىلمىي مەركەز ئوت ئاستىدا قالغان
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-«مىسىرلىق ئاسارە-ئەتىقە تەتقىقاتچىسى ھىشام ئابدۇلئەزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى«ئىلمىي ئاكادېمىيە» بىناسى ئەرەب دۇنياسى بويىچە ئەڭ قەدىمىي ۋە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىلىم مەركىزى ئىكەن. ئۇنى 1797-يىلى20-ئاۋغۇست كۈنى ناپاليون تەسىس قىلغان بولۇپ، 1859-يىلى ئىسكەندىيىگە يۆتكەپ كېتىلىپ، كېيىن 1880-يىلى يەنە قاھىرە شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. فرانسىيىلىكلەر مىسىردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ مەركەزگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. پەقەت 1856-يىلى خىديىۋى پاشىنىڭ زامانىدا، چەتئەلدىن مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، «ئىلمىي ئاكادېمىيە» تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. بۇ ئاكادېمىيىدە مىسىرنىڭ نادىر خەرىتىلىرى، ئۆز ۋاقتىدا فرانسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان سىزما سۈرەتلەر بار. بۇلاردىن باشقا ھەر خىل ئىلىم ساھەلىرىدە 200 مىڭدىن كۆپرەك كىتاب ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئوت دولقۇنى يەنە««مىسىر جۇغراپىيە جەمئىيىتى» بىناسىنىمۇ قورشىغان بولۇپ، ئۇنى خىدىيىۋى ئىسمائىل 1875-يىلى تەسىس قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىمۇ قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر مەۋجۇت ئىكەن.»
نامايىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئوت قويۇش جىنايىتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل بىلاد»گېزىتىنىڭ2011-يىلى18-دېكابىر سانىدا، مىسىرلىق نامايىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقنىڭ سەۋەبى ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-«مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغانغا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغىنىغا قارىماي، مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتى ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا بولۇپ كېلىشى مىسىرلىقلارنىڭ سەۋرىنى تاشۇرماقتا. ئۇلار مۇندىن ئىلگىرى كىچىك تىپتىكى نامايىشلارنى قىلىپ مىسىردا ئەسكەرلەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپى ئورۇنلانمىغان. مىسىردىكى ئەسكەرلەر ھاكىمىيىتى ئۇلارنى ئالدىرىماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن. ئۆتكەن جۈمە كۈنى مىسىرلىقلار قاھىرەنىڭ ئازادلىق مەيدانىدا نامايىشقا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئەتىسى كۈن شەنبە كۈنى ئەسكەرلەر بىلەن توقۇنۇش چىقارغان. ئەمما «ئىلمىي ئاكادېمىيىسى» بىلەن«مىسىر جۇغراپىيە جەمئىيىتى» بىناسىغا ئوت قويۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، نامايىشچىلار ئارىسىغا كىرىۋالغان بۇزغۇنچىلار بۇ ئىككى تارىخىي بىناغا مولۇتوپ ئېتىپ ئوت ياققان. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ئىشتۇر.»