مىسىردا ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى
2012.08.23

مەلۇمكى، مىسىردا 1952-يىلى ئاخىرقى پادىشاھ فارۇق تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇساپىسى جەريانىدا، مىسىردىكى ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئىسىمدا جۇمھۇرىيەت، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەسكىرىي دىكتاتور بولغان ھالدا داۋام قىلىپ كەلدى.
ئىستىبدات تۈزۈمنىڭ ئاخىرقى ۋارىسى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى بىلەن مىسىر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ رەئىسىنى ئۆزلىرى تاللاپ سايلاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، ئەسكەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قاماللىۋېلىشتەك خاھىشىغا خاتىمە بەردى. يەنە مىسىردا 30 يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي ھالەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ۋەقەلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى تىز بولۇپ ئۆتتى.
ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ چوڭ ئۆزگىرىش توغرىلىق كەڭ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ھەر خىلدىكى ئىنكاسلار ۋە تەھلىللەر ئېلان قىلىنىپ كەلدى.
لوندوندا چىقىدىغان« ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 22-ئاۋغۇست سانىدا، يازغۇچى ئىمان مۇھسىن جاسىم تەرىپىدىن «مىسىردا ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسى ئۆتكەن ھەپتىدە بىر قاتار ئەسكەر قوماندانلىرىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى تەيىنلىشى مىسىر ۋە ئەرەب دۇنياسىدا كۆپ ئىنكاسلارنى قوزغىدى. بېزىلەر بۇ ئىشنى تەنتەنە قىلدى، يەنە بېزىلەر مىسىرغا شۇملۇق نەزىرى بىلەن باقتى. ئەمەلىيەتتە مىسىردىكى بۇ ئۆزگىرىش مىسىردا ئەسكەرنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى تۈگىتىش ۋە خەلق دۆلىتى قىلىشقا ئۇل سېلىش ھېسابلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋال مىسىردىكى سىياسىيلارنىڭ، خۇسۇسەن مىسىردىكى ئەرەب باھارىغا ھەسسە قوشقانلارنىڭ كۆڭلىدە ئېھتىيات بىلەن يېقىنلىشىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى ئۇلار ئەتە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالمايدىغان ھالەتتە. ئەمما ئىجابىي قاراشتا بولۇۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.»
مىسىر دېموكراتىك دۆلەت بولماقچىمۇ ياكى ئىخۋان دۆلىتىمۇ؟
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« مىسىردىكى ئاۋاملارنىڭ كۆپرەك سورىغان سوئاللىرىنىڭ بىرى، مىسىردا ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكى مىسىرنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە دۆلىتى بولىدىغانلىقىدىن ئىشارەت بېرەمدۇ ياكى ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ خاھىشى بويىچە ماڭىدىغان دۆلەت بولامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قارارلىرىنىڭ مىسىر خەلقىنى كۆپ راھەتلەتكەنلىكى ئېنىق. خۇسۇسەن سابىق رەئىس مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيىتىگە شېرىك بولغان ئەسكەر قوماندانلىرىنى مەنسەپلىرىدىن بوشاتقانلىقى مىسىرلىقلارنى تېخىمۇ خوش قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوكتور مۇھەممەد مۇرسىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن، مىسىرنىڭ سىنا رايونىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن 16 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، مىسىردىكى ئەسكەر ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلدۇرغان ھالدا، ئۇلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا چەك قويدى. خەلقمۇ بۇنىڭغا قايىل بولدى.»
تانتاۋى مۇرسىغا ياردەم قىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن مىسىرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ھەربىي قوماندان ھۈسەين تانتاۋى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى سۈپىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۇنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىۋالغانلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ كېيىنكى پىلانى ئەسكەرگە چەك قويۇش ئەمەس، بەلكى ئەسكەرنى ئۆزلۈكىدىن ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىنى قوللايدىغان قىلىشتۇر. يەنە تەكىتلەيمىزكى، دوكتور مۇھەممەد مۇرسى قارارلىرىنى ئىنتايىن مۇناسىپ ۋاقىتلاردا ئېلىۋاتىدۇ.»