رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاھىرەدىكى تاھرىر مەيدانىدا نامايىش بولۇۋاتقىلى 11 كۈن بولدى. بۈگۈن تانكا، برونىۋېكلار بىلەن قوراللانغان مىسىر قىسىملىرى تاھرىر مەيدانىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلار بۇ مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىغا سىم تارتىپ، پەقەت بۇ مەيدانغا كىرىدىغان بىرلا يوچۇق قالدۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۈگۈنمۇ مىڭلىغان -ئونمىڭلىغان ئادەم بۇ مەيداندا نامايىش قىلىپ 'مۇبارەك دەرھال تەختتىن چۈشسۇن' دەپ شوئار توۋلاۋاتىدۇ. بۈگۈنمۇ مىڭلىغان -ئونمىڭلىغان ئادەم سەپ بولۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بۇ مەيدانغا كېرىپ نامايىش قىلىپ 'مۇبارەك دەرھال تەختتىن چۈشسۇن' دەپ شوئار توۋلاۋاتىدۇ.
مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيين تانتاۋىمۇ بۈگۈن تاھرىر مەيدانىغا كىرگەن ئىدى. ئۇ دۆلەت مۇزېيى تەرەپتىن يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن ' بىز ئەمدى بۇ مەيداندىن چىقمايمىز'، 'خەلق بىلەن ئەسكەر ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك' دەپ ۋەز ئېيتىۋاتىدۇ. تېخنىكا مەكتەپ مۇئەللىمى، 62 ياشلىق ئابدۇل ھېلىم مۇھەممەد ئېلى 'مۇبارەك بۇ دۆلەتتىن كەتمىگۈچە، مەن بۇ مەيداندىن چىقمايمەن' دەپ جاكارلىدى. 28 ياشلىق ئۆمەر ئەل مەھدى ھەربىي قىسىملار بىلەن سۆزلەشكەندە، ھەربىيلەر ئۇنىڭغا 'يۇقىرىدىن بۇيرۇق بار، بىز خەلق تەرەپتە تۇرىمىز'، 'بىز ھازىر بۇ مەيدانغا قويۇلغان قالايمىقان توسمىلارنى تازىلايمىز، قارا گۇرۇھلارنى كىرگۈزمەيمىز' دېدى.
فرانسىيە ئىناۋەتلىك قەرز تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر مىسىردا ھەر كۈنى 310 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل 5- ئايغىچە مىسىرنىڭ ھاۋا قاتنىشى ساياھەت ئىشلىرى پالەچ بولىدۇ. 2010- يىلى مىسىر خەزىنىسىگە 4 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم كىرگەن سۇۋەيش قانىلىنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ قاھىرەدە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىق، مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغانلىق، ھەتتا قولغا ئېلىنغانلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە بۈگۈن مىسىرنى ئەيىبلىدى. ب د ت ئۆزىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق 600 خادىمىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ كەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىسىردا ئاللىقاچان كونتروللۇقنى يوقىتىپ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىككىنچى چوڭ شەھەر ئىسكەندىرىيىدىكى ئەڭ چوڭ بازار تۈنۈگۈن بۇلاڭ-تالانغا ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر بۇ شەھەرنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغىچە ئەسكەر ئورۇنلىشىپ بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن باش بەتلىرىدە ياۋروپا رەھبەرلىرى ئېنېرگىيە بازىرى ھەققىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچقانلىقى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغانلىقى، بېلگىيىدە مىسىر ھۆكۈمىتى ھوقۇقنى قانداق قىلىپ تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، موسكۋا مىسىر ھۆكۈمىتىنى ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىشقا چاقىرغانلىقى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى باي خۇانىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مىسىر ۋەزىيىتىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار. رۇسىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھازىر مىسىر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ خەۋەر قىلىۋاتىدۇ. بەلكى، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋېلادېمىر پۇتىن بىلەن مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئوخشايدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي بولسا، مىسىر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي خەلقىدىن يوشۇرۇۋاتىدۇ ياكى ھەرخىل شەكىلدە بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.
بۇ ئەپەندىنىڭ ئۆزى تەكشۈرگەن ئەھۋالغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر گرۇزىيە، ئۇكرائىن، قىرغىزىستانلاردا پارتلىغان رەڭلىك ئىنقىلابلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلغان. بۇ گۇرۇپپىلار خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا خەلق ئېرىشەلەيدىغان ئۇچۇرلارنى قانداق توسۇش، خەلقنىڭ نامايىشىنى قانداق باستۇرۇش ھەققىدە دوكلات يوللاپ 'ئەقىل' كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق خۇجىنتاۋنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدەك گۇمرانلىقتىن ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدىكى تەھلىلچىلەر، جەمئىيەتتىكى چېرىكلىك، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مىسىردىكىگە ئوخشايدۇ، بۇنى پۇتىن پەيدا قىلغان دەپ ئوچۇق-ئاشكارا، بەلكى ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەنقىدلەۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلارنى قوللايدىغان ئادەم بەك كۆپ ئەمەس. خىتايدا بولسا، ئەھۋال باشقىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىرلەرنى قوللايدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشنى ھىمايە قىلىدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ مەسىلىدىن قورقىدۇ.