ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 30 يىللىق دىكتاتور ھۆسنى مۇبارەكنى 18 كۈن نامايىش قىلىپ ئاغدۇرۇۋەتكەن مىسىر خەلقى، بۈگۈن يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا «خەلقنىڭ ئىشلەش ۋاقتى قىسقارتىلسۇن، ئىش ھەققى كۆپەيتىلسۇن، خەلققە ياخشى مەنپەئەتلەر بېرىلسۇن» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلدى. مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنداقلا ئەل تەھرىر مەيدانىنى تازىلىغان ئىدى.
بۈگۈنكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىسىردىكى بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى 10 نەچچە دۆلەتكە كېڭىيىپ بولدى.
ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئالجىرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى. بۇ نامايىشتا «ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇش» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ نامايىشتا، ئالجىرىيىدە 1992- يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەت ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا 15 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئالجىرىيە دائىرىلىرى 20 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھالەتنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۈگۈن تېھراننىڭ بىر قانچە يېرىدە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش پارتلىدى. بۇ، ئىراندا 2009- يىلىدىكى سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۈگۈنكى نامايىشلارنى ئۆكتىچى مەھدى كاررۇبى، مىر ھۈسەييىن مۇسساۋىلار ئۇيۇشتۇرغان، دەپ جاكارلىدى ۋە ئازادلىق مەيدانىدىكى مىڭلىغان نامايىشچىلارغا قارىتا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.
بۈگۈن ئىراقتىمۇ نامايىش يۈز بەردى. باغداتتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رامادىدا يۈز بەرگەن نامايىشتا، ئىراقتا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان نامراتلىق، ئىشسىزلىق نىسبىتى 45% تىن ئاشقانلىق، ئوزۇق-تۈلۈك، سۇ، توك يېتىشمەسلىك قاتارلىق رېئال مەسىلە تىلغا ئېلىندى. نۇرى ئەل مالىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىغا نارازىلىق ئىپادىلەندى. ئىراق دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچىمۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىراقتا نامراتلىققا قارشى بىر نەچچە قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى. نۇرى ئەل مالىكى سايلامدىن ئۆزىنى چەتكە تارتسۇن دېگەن شوئارلار توۋلانغان ئىدى.
ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، فارس قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىن بەھرەيندىمۇ شەنبە كۈنى نامايىش پارتلىدى. نامايىشتا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش شوئارى توۋلاندى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ رىزىنگە ئوق ياغدۇرۇپ بىر نامايىشچىنى زەخىملەندۈردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، نامايىشچىلار بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئاز دېگەندە 3 ساقچى ۋە بىر نامايىشچى يارىلاندى، دەپ خەۋەر قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىدە ئىئوردانىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادېمېرالى مايك مۈللېننىڭ س ن ن گە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئىئوردانىيىدىمۇ ئىشسىز قالغان بىلىملىك ياشلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى. بۇ دۆلەتتىمۇ ياشلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغان. پادىشاھ ئابدۇللا خەلققە، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا، ھۆكۈمەتنى يېڭىلاشقا، ساقلانغان مەسىلىلەرنى يېڭى پۇرسەتلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
لىۋىيىدىمۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان «فايس بۈك» تۋىتتەر دېگەن ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. لىۋىيە خەلقى بۇ دۆلەتكە 40 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، ھازىرمۇ مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنى قوللاۋاتقان موئاممار كازافىغا تەنقىد ياغدۇرۇۋاتىدۇ.
يەمەننىڭ پايتەختى سانادىمۇ بۈگۈن 200 دىن ئارتۇق ئادەم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى، نامايىشچىلار پادىشاھ ئوردىسىغا يېقىنلاشقاندا، 300 دەك ئادەم كېلىپ دېموكراتىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئوخشىمىغان مەقسەتتىكى نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى قولغا ئالدى. يەمەندە بۇنداق نامايىشلار ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەمەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىمۇ 32 يىلدىن بۇيان بۇ دۆلەتكە ھاكىممۇتلەقلىق قىلىۋاتقان ئېلى ئابدۇللا سالىھقا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ئورگىنى ھازىر تۇنىستا پارتلىغان نامايىشتا ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت زىنى ئەل ئابىدىنى بېن ئېلى قاچقاندىن كېيىن، تۇنىس بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان كۆچمەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كىرىشتى.
س ن ن تېلېۋىزىيىسى يەنە سۇدان، سۈرىيە، پەلەستىنلەردىمۇ يېقىندىن بۇيان پەيدا بولۇۋاتقان داۋالغۇشلارنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كىلنتوننىڭ مىسىر مەسىلىسى، يەنى ئۇنىڭدا گەۋدىلەنگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى كۆپىنچە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەنلا چەكلەنمىدى، بەلكى گرېتسىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى، پاكىستان رەھبەرلىرىگىچە كېڭەيدى.
بۈگۈن خەلقئارادا خىتايچە چىقىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، مىسىر ۋەزىيىتى بىلەن خىتاي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدىغان، خىتايدا مۇستەبىتلەرنى ئاغدۇرىدىغان بۇنداق نامايىشلار چوقۇم پارتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تەھلىللەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى.