مىسىردا پەلەستىن تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

بۈگۈن 2011-يىلى 4-ماي كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە پەلەستىندىكى ھاماس بىلەن فەتىھتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەشكىلاتنىڭ ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

0:00 / 0:00

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ھاماس بىلەن فەتىھ ئىككى تەشكىلات ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلاردىن بولۇپ، مۇندىن 4 يىل ئىلگىرى، يەنى 2007-يىلى بۇ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن ۋە نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەر بۇ بىھۇدە ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولغان ئىدى.

ھاماس پەلەستىننىڭ گازا رايونىدا 4 يىلدىن بىرى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن تەشكىلات، فەتىھ ھازىرقى پەلەستىن رەئىسى مەھمۇت ئابباس رىياسەتچىلىكىدىكى تەشكىلات بولۇپ، راماللانى مەركەز قىلىدۇ.

ئىككى چوڭ تەشكىلات مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ۋەتەننىڭ بۆلۈنمەسلىكى ۋە خەلقنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىرلەشكەنلىكىنى ۋە ئۆتمۈشلەردىكى بارلىق زىددىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق ئىچىدە پەلەستىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قەسەمياد قىلىشتى. ئىتتىپاق كېلىشىمىگە پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن ھاماس تەشكىلاتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ رەئىسى خالىد مىشئەللەر قاتناشتى.

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 4-ماي چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاماس بىلەن فەتىھ پەلەستىندە ھەممە تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش، رەئىسنى خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەركىن سايلاپ چىقىش، ھۆكۈمەتتىكى مىنىستىرلارنىڭ ھەر قايسى تەشكىلات ئەزالىرىدىن سايلاپ چىقىلىشى ۋە ھاماس بىلەن فەتىھ ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ قولىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ئەسىرلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

پەلەستىن خەلقى بىرلىك تەنتەنىسى قىلماقتا

پەلەستىننىڭ راماللا، غەربىي قىرغاق ۋە گازا رايونلىرى بۈگۈن بايرام ھاۋاسىنى ياشىماقتا. مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ھاماس ۋە فەتىھ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىتتىپاق كېلىشىمىنى قۇتلۇقلايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشماقتا.

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پەلەستىندىكى مۇخبىرى شېرىن ئەبۇ ئەقلە 2011-يىلى 4-ماي چارشەنبە كۈنى راماللا شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: 4 يىلدىن بىرى-بىرىنى يامانلاپ يۈرگەن ئىككى چوڭ تەشكىلات ھاماس بىلەن فەتىھ بۈگۈن ئۆتمۈشتىكى زىددىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا، دوستلۇق، ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ئىش پۈتۈن پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى ئاشۇردى ۋە ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. راماللا شەھىرىدە مىڭلارچە ئادەم ھاماس بىلەن فەتىھ تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىنى قۇتلۇقلىدى. 4 يىلدىن بىرى پەلەستىن تېلېۋىزىيىسى تۇنجى قېتىم ھاماس تەشكىلاتىنى ماختاپ نۇتۇق ئېلان قىلدى. ھاماس تەشكىلاتىمۇ گازا رايونىدا فەتىھنى ماختىدى ۋە رەئىس مەھمۇت ئابباسنىڭ ياخشى نىيىتىگە رەھمەت ئېيتتى.