مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەكنىڭ سوتلىنىشى

مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى يولسىزلىق ئىشلىرى، نامايىشچىلارنى قەستەن ئۆلتۈرگۈزۈش ۋە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن سوتقا تارتىلماقچى.

0:00 / 0:00

مىسىردا چىقىدىغان «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 1-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە كۆرە، مىسىردا 30 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان سابىق رەئىس مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ئىككى ئوغلى جامال ۋە ئەلا مۇبارەكلەر، قاچقۇن كاپىتالىست ھۈسەيىن سالىم، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى قاتارلىقلارنىڭ مەھكىمىسى بۇ يىل 3-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي باشلىنىدىكەن. بۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى مەنسەپنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىش، يولسىزلىق قىلىپ خەلقنىڭ پۇلى بىلەن باي بولۇش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش، 25-يانۋار تىنچلىق نامايىشى ھارپىسىدا نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇش، ئۇلارنى ئۇرۇپ، سوقۇپ تۈرمىلەرگە تاشلاپ قىيناش قاتارلىق جىنايەتلەر ئىكەن.

مۇبارەكنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى چوڭ

لوندوندا چىقىدىغان «ئەل ھايات» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى ئىسكەندەرىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى فىكرى خۇرۇب مەزكۇر گېزىتكە تېلېفون ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «سابىق رەئىس مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك نامايىشچىلارنى قەستەن ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. چۈنكى نامايىشچىلارنى مۇبارەك ئۆزى بىۋاسىتە ئۆلتۈرمىگەن بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلىغا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارماسلىق، ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە پەرمان چىقىرىش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. لېكىن قىلمىدى. جەمئىيەتتىكى ئوغرى-قاراقچى ۋە ھەرخىل جىنايەتچىلەرگە پۇل ھەم قورال تارقىتىپ نامايىشچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مىسىرلىق چوڭ كاپىتالىست ھۈسەيىن سالىم مۇبارەكنىڭ يولسىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خەلققە شۇنچىلىك يامانلىق قىلىشتا كۈچنى مۇبارەكتىن ئالغانلىقى ئىسپاتلاندى. مۇندىن باشقا مۇبارەكنىڭ جامال ۋە ئەلا دېگەن ئىككى ئوغلىنىڭ دادىسىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قىلغان يولسىزلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىغا بوغۇلغان سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى مىسىر تارىخىدا ئەڭ كۆپ قان ئاققۇزغان جىنايەتچى بولۇپ تونۇلدى. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈكتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى شۇنى تەقەززا قىلماقتا.»

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بەرگەن مىسىرلىق ھوقۇقشۇناس ئادىل ئەھمەد مۇنداق دېدى: «ھاكىممۇتلەقلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە قارشى چىققۇچىلارنى جازالايدۇ. ھەتتا تىنچلىق نامايىشلىرىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىنقىلاب سانىلىدۇ. بۈگۈن مىسىر سوت مەھكىمىسى سابىق رەئىس ھۆسنى مۇبارەكنى سوتلاش ئىشىنى بۇ يىل 3-ئاۋغۇست كۈنىگە بېكىتتى. ھازىر مۇبارەك تۈرمىدە ئەمەس، بەلكى كېسىلى ئېغىر بولغانلىقتىن ھازىرچە شەرم شەيخ رايونىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ئارتىلغان چوڭ جىنايەتلەرنىڭ بىرسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئىدى.»

مۇبارەككە جەرىمانە قويۇلدى

مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى ۋە باش مىنىستىر ئەھمەد نەزىف قاتارلىقلارغا ئۇلارنىڭ 25-يانۋار تىنچلىق نامايىشى ئەسناسىدا تېلېفون، ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى توختىتىۋەتكەنلىك قىلمىشى سەۋەبلىك مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇندىن بۇرۇن ئۇلارغا ماددىي جازا بەلگىلىگەن ئىدى.

مىسىردا چىقىدىغان «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى28-ماي كۈنىدىكى سانىدا، سابىق رەئىس مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەككە 200 مىليون جۇنەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلىغا 300 مىليون جۇنەي ۋە باش مىنىستىر ئەھمەد نەزىفكە 40 مىليون جۇنەي جەمئىي 90 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغان. مىسىر سوت مەھكىمىسى 2011-يىل ئاخىرغىچىلىك بۇ جەرىمانىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن.