نيۇ-يورك، لوندونلاردا چىقىدىغان دۇنيادا ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان گېزىتلەر، بۈگۈن قاھىرە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. خىتايچە چىقىدىغان بەزى ئىنتېرنېت گېزىتلىرى، مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ خىتايدا پەيدا قىلغۇسى تەسىرى ھەققىدە قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىرنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئۆمەر سۇلايمان بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەل جەزىرە تېلېۋىزىسىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ چاغدا ئەل تەھرىر مەيدانى تەنتەنىگە چۆمدى. "مۇبارەك تەختتىن چۈشسۇن" دەپ نامايىش قىلغان خەلق ئۆزىنىڭ غەلىبىسىدىن چەكسىز ھاياجانلاندى. ئەمدى ئۇلار مىسىرنى يېڭىدىن قۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىر ئالىي ھەربىي كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردا جەمئىيەت تەرتىپى ئەسلىگە كەلگەن ھامان، 30 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھوقۇق ئۆتكۈزۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ب ب س تور گېزىتى بۈگۈن يەنە، مىسىردا 30 يىلدىن بۇيان ھوقۇق تۇتۇۋاتقان، ھازىر 82 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، 1981-يىلى مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەنۋەر سادەت قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنلا، شۇ قېتىمقى سۇيىقەستنىڭ تورىدىن قاچقان، ھېچبىر تونۇلمىغان مۇبارەك بىردىنلا تەختكە چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سادەتنى ئۆلتۈرگەن ئىسلام رادىكاللىرى مۇبارەككە 6 قېتىم قەست قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ساق قالغان.
مۇبارەك 19 يېشىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ھەربىي مەكتەپتە تەلىم ئېلىپ، ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولغان. ئۇ، 1967-يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا، مىسىر ھاۋا قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا مىسىر ھاۋا ئارمىيە شتاب باشلىقى بولغان. 72-يىلى مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1980-يىلى مىسىر مىللىي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1987-93-، 99-ۋە 2005-يىللىرىدا ئۇدا 4 قېتىم پرېزىدېنت بولغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ، بۈگۈن مۇبارەك ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئۆمەر سۇلايماننىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 77 ياشلىق ئۆمەر سۇلايمان، مۇبارەك 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بەلگىلىگەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئەرباب مىسىرنىڭ پۈتۈن ئاخبارات ساھەسىگە مەسئۇل، مۇبارەككە ئەڭ سادىق، ئادەتتە ھەربىي فورما كىيمەي غەربچە كىيىنىپ يۈرىدىغان، پەردىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئىش بېجىرىشكە ماھىر ئەرباب ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەرباب 1990-يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق تۈزۈپ، مىسىردىكى ئىسلام رادىكاللىرىغا زەربە بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. مۇبارەك ئۇنى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا بەلگىلىگەندە، ئەل تەھرىر مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان خەلق 'بىزگە مۇبارەكمۇ، سۇلايمانمۇ كېرەك ئەمەس' دەپ شوئار توۋلىغان ئىدى.
نيۇيوركتا چىقىدىغان «ۋاقىت» گېزىتى، لوندوندا چىقىدىغان «تېلېگراف' گېزىتى»، «مالىيە» گېزىتى قاتارلىقلار بۈگۈن يەنە، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك تۈنۈگۈن تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن قاھىرەدىن كېتىپ شام شەھىرىگە بېرىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
لوندوندا چىقىدىغان «تەيمىز» گېزىتى بۈگۈن باش بېتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ مۇبارەك ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى باستى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئاق ساراينىڭ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئۈلپىتى مۇبارەكنى ھوقۇق ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقانلىقىغا نارازى. ئۇ ھازىرغا قەدەر مۇبارەكنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، سەئۇدى پادىشاھى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئامېرىكا مۇبارەكنى ھاقارەتلىمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ئامېرىكا ھەر يىلى مىسىرغا بېرىدىغان 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەمنى توختاتسا، بۇ ياردەمنى سەئۇدى داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن ئىكەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاھىرەدىكى ئەل تەھرىر مەيدانىدا مۇبارەككە قارشى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان، مىسىر دائىرىلىرى مەخپىي قولغا ئېلىپ ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، قېيىن-قىستاققا ئالغان ئادەم سانى مىڭدىن ئاشىدۇ. مىسىر خەلقى ھازىر بۇ ئادەملەرنى سۈرۈشتە قىلماقتا.
«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۈگۈن، مىسىردا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى بىلەن خىتايدا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، تۇنىستا يۈز بەرگەن 'ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى' ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشسىز قالغان بىر زىيالىينىڭ شەخسىي تىجارەت قىلىپ ھاياتىنى قامدايدىغان يايما دۇكىنى، دۆلەتنىڭ بازار باشقۇرغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ياش زىيالىي نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت ياققان ۋەقە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ پارتلىغان، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنداق ۋەقە خىتايدا ئىنتايىن كىچىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، ئەمما تۇنىستا مۇشۇنداق بىر ۋەقەنى ھەل قىلمىغان پرېزىدېنت تەختتىن چۈشۈرۈلدى، ئەمما خىتايدا مەسىلىنى ھەل قىلمىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تېخىچە خەلقنى قوراللىق باستۇرۇۋاتىدۇ.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تۇنىستىكى رەڭلىك ئىنقىلابتىن كېيىن، مىسىردا پرېزىدېنت مۇبارەككە قارشى نامايىش پارتلىدى، مىسىردا 30 يىلدىن بۇيان ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ھەددىدىن ئاشقان، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىرىكلەشكەن، خەلقتە سۆز ئەركىنلىكى يوق ئىدى. ھازىر مىسىر پرېزىدېنتى تەختتىن چۈشۈرۈلدى. مىسىردا خەلق بارغانسېرى باتۇرلاشتى.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەمدى بۇنداق ئىنقىلاب پارتلايدىغان نۆۋەت، كوممۇنىست خىتاي 60 يىلدىن بۇيان پەقەت ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان، خەلق سايلىمىغان ئەمەلدارلار خىيانەتچىلىك-چېرىكلىكتە چېكىدىن ئاشقان، پۈتۈن خەلق سۆز ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان خىتايغا كەلدى.