بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ پىتنىلەرگە ئالدىنىپ، ئۆز - ئارا قىرغىن قىلىشقا يۈزلىنىپ كېتىشىنىڭ، ئەينى چاغدىكى زالىم ھاكىمىيەتلەرنىڭ قولىدا ياشىغان چاغدىكىدىنمۇ بەتتەر خارلىققا دۇچار قىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلماقتا. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا: ئەرەب باھارىغا سەۋەب بولغان زۇلۇمنىڭ ماھىيىتى، بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتى، كەلگۈسى تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا قىزىقىپ كېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس بولۇپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان دىنى زىيالىي ھۈسەنجان نۆۋەتتىكى مىسىر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر - قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.
- مىسىر ۋەزىيىتىلا ئەمەس، ئۇزۇن يىل قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ تۇنىستىكى ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابىنى ئەرەب باھارىغا ئۇلاپ ئۇزىنىڭ ھۆرلۈكىنى ئازادلىقىنى قۇلىغا ئېلىۋاتقان ئەرەب خەلقىنى ۋە ئەرەب دۆلەتلەردىكى سىياسىي داۋالغۇشلارنى داۋاملىق كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى مىسىر، تۇنىس، لىۋىيە، يەمەن ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئەرەب خەلقى، بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزدەك ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش شەكىلدىكى كوممۇنىزم رېجىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. دۇنيادىكى چۇڭ كوممۇنىست دۆلەتلەر ئاساسەن مەغلۇبىيەت بىلەن يوقالدى. بۇ ھال بىز ئۇيغۇرلارغا خىتايدىن ئىبارەت كوممۇنىست دىكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭمۇ پات ئارىدا يوقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوخشاشلا ھازىرقى ئەرەب خەلقىنىڭ بۈيۈك ئويغىنىشلىرى بىلەن تەڭ، ئۆزىگە ھەرخىل ئاتالمىش ناملارنى قوللىنىپ تەختكە چىقىۋالغان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ يېقىلىشى، بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ پات ئارىدا چوڭ بىر ئويغىنىشتا بولىدىغانلىقىغا پىلتا بولىدۇ. يەنى ئەرەب باھارى ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ بىر ئىشارەت ۋە ئۈمىد. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىرقى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتىمەن.
ئۇ ئەرەب ئەللىرىدە تۈرلۈك ناملار ئاتىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ماھىيەتتە كوممۇنىزم مەپكۈرەسىگە تەۋە دىكتاتور ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ:
- خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنى كوممۇنىستىك پارتىيە دەپ ئاتايدۇ. بۇ بىر قاتار دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئىسمى ئاتاقتا گۈللىنىش سوتسىيال پارتىيىسى، دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش پارتىيىسى، ئادالەت پارتىيىسى دېگەندەك ناملارنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى كوممۇنىزمنىڭ تەقلىدچىلىرى ۋە كوممۇنىزمنىڭ قالدۇق كۈچلىرى. ھاكىمىيەتلەر كوممۇنىست ھاكىمىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ يىقىلىشى خىتايغا نىسبەتەن بىر زەربە. دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن، مىسىر خەلقىنىڭ ئىلگىرىكى دىكتاتور دېيىلىۋاتقان مۇبارەك ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلغان تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن قايتىدىن نامايىش قىلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
- بىزدە ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلۇپتۇ دەيدىغان بىر سۈز بار. خۇددى شەرقى تۈركىستانغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ يۈز بەرگەندەك، رۇسلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ھوقۇق خەلقنىڭ قۇلىغا تەگمەي يەنىلا رۇسپەرەس خىتايپەرەس كوممۇنىستلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشىغان مىسىر خەلقىمۇ زالىم مۇبارەكتىن قۇتۇلغاندەك قىلغان بىلەن ھوقۇق خەلقنىڭ قولىغا تەگمىدى. يەنى ھازىرقى ئۆتكۈنچى ھوقۇق يەنىلا مۇبارەكنىڭ ئوڭ قولى بۇلغان تەنتاۋىنىڭ قۇلىدا كونترول قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مىسىر خەلقى بۇ ئىككىنچى ئىنقىلابىنى قوزغاپ چىقتى.
دېمەك؛ مىسىر خەلقى دىكتاتور مۇبارەك ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ھوقۇق تېخىچە خەلقنىڭ ئېلىكىگە ئۆتمەپتۇ. نېمە ئۈچۈن خەلق ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىلىرى ئالدامچىلارنىڭ خالتىسىغا ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ؟
- بۇ ھەممىگە ئايدىڭ. زومىگەر دۆلەتلەر ھەر ۋاقىت خەلق قۇرۇپ چىققان بۇ ھاكىمىيەتلەرنى كونترول قىلسام مىنىڭ تۇپرىقىمدا ماڭسا، دەيدۇ. خۇددى ئۆزبېكىستان قىرغىزىستانلار تاجىكىستانلار خىتايلارنىڭ كونتروللۇقىدا مېڭىۋاتقاندەك، شۇڭا يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەرنىمۇ زومىگەرلەر باشقۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
- ئۇ ئۇقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىردا ياشىغان بىر چاغلىرىدىكى ھېس قىلغانلىرىغا ئاساسەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇملىرى بىلەن مىسىر خەلقىنىڭ مۇبارەك ھاكىمىيىتىدىكى چاغلاردا زۇلۇمغا ئۇچۇرغان تەرەپلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما قىلىپ، مۇنداق دېدى:
- بۇ ئىككى ھاكىمىيەت ئوخشاش دىكتاتورلىرىدىن بولغاچقا بۇرۇندىن بىر بىرلىرى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن. مەسىلەن: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ھەقىقەتپەرۋەر ئالىملىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ يوقاتقانغا ئوخشاش، مىسىردىمۇ ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەر ۋە ئالىملار ئاساسەن تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىغان ۋە ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كەلسەك: مۇبارەك ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋاقىتلاردا خىتايلارنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سىلىشىغا، ئەركىن ئۇقۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مىسىر خەلقىگە تونۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. ھەتتا، پۈتۈنلەي خىتاي تەرەپتە تۇردى. ياغ بىلەن گۆش بىر تۇغقان دەپ، بۇ زالىم ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى تەرەپتە ئەمەس، بەلكى دىنسىز خىتايلار تەرەپتە تۇردى.
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مىسىردا تۇرۇۋاتقان ھەرساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئۈممەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن مىسىر خەلقىنىڭ ياردەملىرى ۋە ياخشى مۇئامىلىلىرىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
- مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، دەپ؛ مىسىر خەلقى ھەقىقەتەن ئېسىل بىر خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن، مىسىردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر ۋاقىت ياردەمچى بولۇپ كەلدى. بۇ جەھەتتە ئۇلارغا كۆپ تەشەككۈرلىرىمىز بار.