مىسىردىكى خەلق ھەرىكەتلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا قانداق ئىنكاس پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟

مىسىردا باشلانغان دېموكراتىك خەلق ھەرىكىتى بىر ھەپتىدىن بېرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. بۇ نامايىشلاردا ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، مىسىر خەلقىنىڭ دېموكراتىيىگە ئېرىشىش يولىدىكى ئىرادىسى چىڭ كۆرۈنمەكتە.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ۋەقە ھازىر دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ قىزىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى مەتبۇئاتلىرى ۋەقەگە كەڭ كۆلەمدە يەر بەرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە بولسا ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان مىسىردا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەقەگە بولغان پوزىتسىيىسى قانداق، غەرب مەتبۇئاتلىرى قانداق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ؟

30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، مىسىرنى دىكتاتور تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ھۈسنۈ مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ باشلىغان خەلق ھەرىكەتلىرى كۈچلىنىپ بارماقتا. مىسىردا كوچىغا چىقىش چەكلىنىشىگە قارىماي دۈشەنبە كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى يەنە قاھىرە مەيدانلىرىغا يىغىلغان. مىسىردىكى ھەرقايسى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بولسا سەيشەنبە كۈنى پايتەخت قاھىرەدە بىر مىليون كىشىلىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا. ئۇلار يەنە تەلەپلىرى ئورۇندالمىغىچە نامايىشنى توختاتماسلىق ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر ھەپتىلىك ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مىسىر خەلقىنىڭ بىر دىكتاتوردىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى چىڭ كۆرۈنمەكتە.

مىسىردا مەيدانغا كەلگەن بۇ دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئەللىرىدىكى نۇقتىلىق گېزىتلەر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە باش سەھىپىلىرىدە يەر بەرگەن شۇنداقلا مىسىر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە : غەرب ئەللىرى قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قاتتىق قوللۇق رېجىملىرىنى قوللىغاننىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئۆزگىرىشكە ئېلىپ بارالايدىغان كۈچلەرگە جاسارەت بېرىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەش كېرەك.
ئامېرىكىدا 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىغا قارىتا " بىز دېموكراتىك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ" دەيدىغان بىر خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. ئۇنداق ئەمەس، ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئەسلىدە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلارنى قوللىشىدىن نەپرەتلىنىدۇ" دەپ يازغان.

"ئامېرىكىدا بۈگۈن" گېزىتى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە مۇبارەك ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. خەۋەردە مىسىردىكى نامايىشلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇنىڭ مىسىردا بىر دەۋرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما، خەۋەردە مىسىردا 30 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن دىكتاتور رېجىم نەتىجىسىدە دېموكراتىيىنىڭ دەرھال ئورنىتىلىشىغا قارىتا گۇمان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرقى شارائىتتا مەيلى مىسىردىكى "مۇسۇلمان قېرىنداشلار" تەشكىلاتىنىڭ ياكى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ بولسۇن، ۋەزىيەتكە قارىتا تەييارلىقسىز ئىكەنلىكى، ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئالالايدىغان كۈچلۈك بىر لېدېرنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى بايان قىلغان.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىمۇ مىسىر ئارمىيىسىنىڭ تېخى ھۈسنۈ مۇبارەكنى يوقىتىشقا تەييار ئەمەسلىكىدەك بىر نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

غەرب ئەللىرى لېدېرلىرى مىسىردىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى كەترىن ئەشتون ھۈسنۈ مۇبارەكنى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ بېريۇسسېلدا ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە : "مىسىردا ھەممە تەرەپلەر ئورتاق ئىشتىراك قىلغان بىر دىئالوگ باشلىنىشى كېرەك" دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا مىسىردا خەلقنىڭ ئارزۇسىغا لايىق بىر ھۆكۈمەتنىڭ تىنچ بىر شەكىلدە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادە قىلدى. دەرۋەقە، مىسىردىكى ۋەقەگە نىسبەتەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقى ۋە مىسىردىكى بۇ قېتىملىق خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلار بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەر بولسا، مىسىردىكى خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ھۈسنۈ مۇبارەك دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى، ھازىرقى مەسىلىنىڭ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىدە ئورتاقلاشماقتا. ب ب س بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن :
"ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان مىسىرلىق ئىتتىپاقدىشىدىن ئۇنداق ئاسان ۋاز كەچكۈسى كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۈسنۈ مۇبارەكنىڭ دەرھال بولمىسىمۇ، يېقىن كەلگۈسىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. يەنى پۈتۈن بۇلاردىن شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، نۆۋەتتىكى مەسىلە، مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقى ئەمەس، پەقەتلا قاچان چۈشىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر."

مۇلاھىزىدە بۇ ۋاقىت ھەققىدە توختىلىپ :"بۇ يىل سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان دۆلەت باشلىقى سايلىمى مۇبارەكنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، نامايىشچىلارنىڭ ئەلپازىدىن ئۇلار سېنتەبىرگىچە كۈتۈپ تۇرىدىغاندەك قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىسىر ئارمىيىسىگە نامايىشچىلارغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق كەلدى. ئامېرىكىنىڭ مىسىر ئارمىيىسى ئۈستىدە مۇھىم تەسىرى بار. ئامېرىكا ھەر يىلى مىسىر ئارمىيىسىگە 1 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم قىلىدۇ، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېھتىياجى بار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىلىنتون سېنتەبىردىكى سايلامنى ساقلىمايلا، يېڭى سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تىلغا ئالدى. يەنى بۇ دېگەنلىك مۇبارەك تەختىن چۈشىدۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار دېگەنلىك. يەنى، ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا مىسىردىكى بۇ ھەرىكەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ."

ئامېرىكىدىكى نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇلاھىزىچىسى فارىد زېكېرىيا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "مەنچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئوچۇق بىر تىل بىلەن ھۈسنۈ مۇبارەكتىن دەرھال بولمىسىمۇ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. مىسىرنىڭ يېڭى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چوقۇم يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۇرغۇزۇپ چىقىشى، بۇ ئاساسىي قانۇن كىشىلىك ھوقۇقنى، ئاز سانلىقلار مەنپەئىتىنى، ئىپادە ئەركىنلىكىنى ۋە دېموكراتىك سايلامنى كۈچلۈك ھالدا قوغدايدىغان بىر ئاساسىي قانۇن بولۇشى كېرەك. ئوباما ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا مۇبارەكنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى چوقۇم يوقىتىشى كېرەك."

ئۇ يەنە سۆزىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكا نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا، مىسىرنى ئىسلاھات قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ئەمما، ھۈسنۈ مۇبارەك ھېچقاچان بۇ سۆزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى. ئۆزگىرىشلەر بىلەن يۈزلەشمىدى. خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ باقمىدى. ئەمما، ئۇ ئاخىرىدا خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، مانا بۇ دىكتاتورلارنىڭ ئاقىۋىتى."

غەرب مەتبۇئاتلىرى مىسىر ھەققىدە يۇقىرىدىكىدەك مۇلاھىزىلەرنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دۇنيادىكى يەنە بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. ھەرقايسى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە ۋال سترېت ژۇرنىلىغا ئوخشاش ژۇرناللار ھەممىسى دېگۈدەك، بېيجىڭنىڭ مىسىردىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەر توغرىلىق خەۋەرلەرنى تولۇق ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنىس ۋە مىسىر قاتارلىق ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋە پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى ھالىغا ئايلانغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى مەملىكەت ئىچىدە تارقىتىلىشىغا چەكلىمە قويغان.

بۇ ھەقتىكى ناھايىتى قىسقا ۋە بىر قانچە مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنگەن خەۋەرلەرنىڭ سىرتىدا، خىتايدىكى ئىزدەش ماتورلىرىدا مىسىر ھەققىدە ئۇچۇر چىقمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى مىسىردىكى ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىسىردىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلدى.