رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىردا مۇستەبىتنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئادەملىك غۇرۇرىنى قايتىدىن تىكلىگەن مىليونلىغان خەلق، بۈگۈن (جۈمە كۈنى) غەلىبە تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈپ ئەرەب دۇنياسىنى يەنە بىر زىلزىلىگە كەلتۈردى. يەرلىك يازغۇچىلاردىن مەرۋە ئاۋات، دىنا زايىت، ياسىمەن سالىھلارنىڭ تەسۋىرلىشىچە، 18 كۈنلۈك نامايىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خارلانغان قەددى-قامىتىنى قايتىدىن رۇسلىغان مىليونلىغان خەلق، بىر ھەپتىدىن كېيىنمۇ قان-قېنىغا پاتماي، ھاياجىنىنى باسالماي، قوللىرىغا يەنە قىزىل، ئاق، قارا ئۈچ رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ، «مىسىرلىق بولساڭ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈر!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، يوللاردا، كوچىلاردا قىياندەك تېشىپ، كۆۋرۈكلەردىمۇ خۇددى دەريادەك يامراپ ئېقىپ ئەل تەھرىر مەيدانى ئازادلىق مەيدانىغا كەلدى.

بۈگۈنكى تەنتەنىدە، مىسىرلىقلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى تىكلەش ئۈچۈن نامايىش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە گۈل-چېچەك ياغدى. «مەن مىسىرنى سۆيىمەن!» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مايكا كىيگەن ياشلار، نىل دەرياسىدىكى كېمە-قولۋاقلاردا ناغرا-سۇناي بىلەن بەزمە قىلدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن تەنتەنىگە قېتىلغان كىشىلەرمۇ مىسىرنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈشكە ئۈلگۈردى. بىرمۇنچە قىزلار ھەربىي قىسىملارنىڭ تانكىلىرىغا چىقىۋېلىپ، 1970-يىللاردىن باشلاپ ئېيتىلغان «مىسىر دېگەن سەيلىگاھ، بۇ ئەلدە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن كەلگەن كىشى ھۇزۇرلىنىدىغان مەزمۇن بار» دېگەن مەزمۇندىكى ناخشىنى ئەۋجىگە چىقاردى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن بەھرەيىندە بىر قىسىم تۈنۈگۈنكى نامايىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بەھرەيىننىڭ ئامانلىق قوشۇنلىرى بۇ نامايىشتا يەنە ئاز دېگەندە 3 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە مەرۋايىت مەيدانىغا تىكىلگەن چېدىرلارنى تازىلاشقا باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن بەھرەيىن قوشۇنلىرى تانكا، برونېۋىكلەر بىلەن ماناما شەھىرىگە كىرىپ، نامايىش قىلغان كىشىلەرگە قارىتا قوغۇشۇن ئوق، رېزىنكە ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، ئاز دېگەندە 5 ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە 230 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى. قوراللىق باستۇرۇشتىن كېيىن، يوللارغا توسۇق قويدى، ئەسكەرلەر سەپ بولۇپ چارلاشقا باشلىدى، بانكىلار، سودا سارايلىرى ئىش توختاتتى، خەلققە تېلېفون ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ، ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بۇ شەھەردىكى مەرۋايىت مەيدانىدا نامايىش قىلغان كىشىلەرنى دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولۇۋاتقان شىئەلەر دەپ ئەيىبلىمەكتە.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سانادىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن يەمەندە مىڭلىغان خەلق پرېزىدېنت سالىھنى تەختتىن چۈشسۇن دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغان ئىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچى قىسىملار نامايىشچىلارغا قارىتا ئوق چىقاردى ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ئاز دېگەندە 8 نامايىشچى ئۆلتۈرۈلدى. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىغۇچىلىرى قوللىرىغا كالتەك-توقماق ئېلىپ نامايىشچىلارغا تەھدىت سالدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئىراننىڭ سۇلايمانىيە قاتارلىق 4 شەھىرىدە مىڭلىغان ئادەم ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ئىپادىلەپ نامايىش قىلدى. تېھراندا ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار كوچىغا چىقىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى مۇسۋې قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن لىۋىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغان كىشىلەر بىلەن لىۋىيە ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 24 ئادەم ئۆلدى. تۈنۈگۈن لىۋىيىدە بەش جايدا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
بۈگۈن «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە، تەھلىلچىلەر، خىتاينىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن سىياسىتى مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار بايان قىلغان ئەركىن پىكىرلەردە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېزىلەر «ئالدى بىلەن كوممۇنىست باندىتلىرىنىڭ سەركەردىسى خۇ جىنتاۋنى كۆزىمىزدىن يوقىتايلى» دېسە، بېزىلەر «خۇ جىنتاۋ دېگەن بىر قورچاق، ئالدى بىلەن خەلقنى ئويغىتىش كېرەك» دېدى. بېزىلەر «خەلق ئويغاق بولمىسا، خۇدا ئويغاق، كوممۇنىست باندىتلىرىنىڭ ئەدىپىنى خەلق بېرەلمىسە، خۇدا بېرىدۇ» دېدى. بېزىلەر «كوممۇنىست باندىتلىرىدىن ئۈمىد يوق، ئۇلار بىلەن ھەر قانداق ئىشتا ھەمكارلاشماسلىق كېرەك، ھەممە ئىشتا پۇتلىكاشاڭ بولۇش كېرەك» دېدى. يەنە بېزىلەر «ھازىر خۇددى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىدەك، ھەممە جايدا قاقشال دۆۋە-دۆۋە، ئوت ياقسىلا پۈتۈن سۇلالىنىڭ كۈلى كۆككە سورىلىدۇ» دېدى. يەنە بېزىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ گىتلېرغا قوغلاپ زەربە بېرىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك» دېدى.