تۈرك مەتبۇئاتلىرى بۇ نامايىشنىڭ مىسىردىكى باي ۋە كەمبەغەل پەرقىنىڭ زورىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە مىسىر دۆلەت رەئىسى مۇبارەكنىڭ 30 يىلدىن بۇيان مىسىر خەلقىنى بېسىم بىلەن باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بېسىمغا چىدىمىغان مىسىر خەلقىنىڭ قوزغالغانلىقىنى يازماقتا.
مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھەر مەركىزىدىكى ئاساسلىق مەيدانلار نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بولۇپ، مىسىردىكى چەتئەل گرەژدانلىرى مىسىردىن ئايرىلماقتا. تۈرك ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ تۈركلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە. مىسىردىكى بۇ قوزغىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بىر يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىقار؟ مىسىردا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مىسىر مۇتەخەسسىسى ئابدۇلئەخەت ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلئەخەت ئابدۇراخمان 1986-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە مىسىردا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ مىسىردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر تۈركىيىدىكى مەلۇم بىر شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىدا تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.