مىسىرلىق بىر ئالىم راك كېسىلىنى خېمىر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى

كۈۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىلى 30 - ئىيۇل سانىدا «مىسىرلىق ئالىم راك كېسىلىنى خېمىر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« ئامېرىكىدا ياشايدىغان مىسىرلىق ئالىم مەمدۇھ غەنىم يىگىرمە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشتىن كېيىن، ئادەتتىكى خېمىر ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ چىقتى. پروفېسسور مەمدۇھ غەنىم ئاۋۋال راك يارىسىنىڭ مىكروبلىرىنىڭ خېمىرنى شوراپ يېيىش ئارقىلىق ئۆلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇنى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشكەن.

0:00 / 0:00

مەمدۇھ غەنىم خېمىرنى سۇدەك قىلىپ ئۇنى چاشقان جىسمىنىڭ راكتىن ئىششىغان يېرىگە شىپرىس بىلەن سالغاندىن كېيىن، چاشقاندىكى ئىششىقنىڭ كىچىكلەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. ئاندىن كۆپلىگەن تەجرىبىلەر ۋە سىناقلاردىن كېيىن تېرە ۋە كاناي راكلىرىنى خېمىر بىلەن داۋالاپ نەتىجە قازانغان. دېمەك، پروفېسسور مەمدۇھ غەنىمنىڭ بۇ ئىجادىيىتى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ياراپ راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش دەرىجىسىگە يەتتى. راك كېسىلىنىڭ مىكروبلىرىنى خېمىر بىلەن ئۆلتۈرۈش مەسىلىسى باشقا كۆپلىگەن تىببىي مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىنمۇ تەجرىبە قىلىنغان بىر مەسىلە.

مۇندىن باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ خېمىرنىڭ چاشقان جىسمىدىكى راك مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە راك بولغان چاشقاننىڭ جىسمىغا شىپرىس بىلەن سالغان خېمىرنى راك مىكروبلىرى يېگەندىن كېيىن، بۇ مىكروبلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

پروفېسسور مەمدۇھ غەنىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا «راك مىكروبلىرىنىڭ ئۆلۈشى» دېگەن تېمىدا چاقىرىلغان مەخسۇس قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.»

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.