مىسىرلىقلار سۈرىيە باش ئەلچىخانىسى يولىدا نامايىش قىلدى

قاھىرە شەھىرىنىڭ ئازادلىق مەيدانى ھەر قېتىمقى نامايىشلارغا سەھنە بولغاندەك، بۇ جۈمەمۇ مىسىرلىقلارنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلەش ۋە مىسىردىكى سۈرىيە باش ئەلچىسىنى مىسىردىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارغان نامايىشىغا سەھنە بولدى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى مىسىرنىڭ 25 - يانۋار خەلق نامايىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان ياشلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار سۈرىيە خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقى، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق مىسىرلىقلارنىڭ سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىنىڭ دەۋاسىنى ياڭرىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 17 - فېۋرال كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى ئازادلىق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن.

مىسىردىكى 25 - يانۋار نامايىشىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئابباس «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن بايانىدا مۇنداق دېدى:

- بىز بۇ جۈمە نامايىشىنى سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش يولىدا ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ئاخىرقى كۈنلەردە سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توپ زەمبىرەكلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم قىلىش بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىمىز. دېموكراتىيە يولىدا ئاخىرغىچە ئېلىشىش مىسىر بىلەن سۈرىيىنى باغلايدىغان ئاساسلىق دەۋادۇر. بىز ھەمىشە سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەققانى كۈرەشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقانغا ۋە مىڭلارچە بىگۇناھ خەلقنىڭ، يۈزلەرچە سەبىي بالىلارنىڭ قېنىغا بوغۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشكەنگە قەدەر بىز سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ قوللايمىز. ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈرىيە باش ئەلچىسى يۈسۈپ ئەھمەدنى مىسىردىن قوغلاپ چىقىرىش تەلىپىمىزدىن يانمايمىز.

ھامات قەتلىئامىنىڭ 30يىللىقى خاتىرىلەندى

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى قاھىرە شەھىرىنىڭ ئازادلىق مەيدانىدا يەنە مىسىرلىق ۋە سۈرىيىلىك ياشلارنىڭ سۈرىيىدە 1982 - يىلى بولغان قەتلىئامنى خاتىرىلەش نامايىشىنىمۇ نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن بولۇپ، سابىق رەئىس ھافىز ئەسەدنىڭ بىر تۇغقىنى رىفئەت ئەسەد دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە سۈرىيىنىڭ ھامات شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام خاتىرىلەنگەن ۋە ئەسەد ئائىلىسىگە لەنەتلەر ئوقۇلغان. نامايىشچىلار سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىسپاتلايدىغان رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ، «ئەسەد ھاكىمىيىتى يوقالسۇن»دەپ شۇئارلانى توۋلىغان.

سۈرىيىنىڭ ھامات ۋە ئىدلىب شەھەرلىرىدە نامايىش

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى سۈرىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە بۇ جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن بولۇپ، سۈرىيىنىڭ ئىدلىب ۋە ھامات شەھەرلىرىدىكى نامايىشچىلار بۇ نامايىشىنى«يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىش»نامايىشى دەپ ئاتىغان.