كامبودژادىىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان مىسيونېر بىلەن سۆھبەت

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىھەم ئاساسلىق سۆز ۋە ئويلىنىش تىمىسى بولماقتا. كىشىلەر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋتى ھەققىدە سوئال-سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

0:00 / 0:00

ئوتتۇرىغا چۈشكەن سوئاللاردىن بىرى، بۇ بالىلارنىڭ دەسلەپتە چىققان جايى ۋېتنامدا سىياسىي پاناھلىق تىلىمەستىن كامبودژاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىشىدۇر. تۆۋەندە بۇ ھەقتە، ئەينى چاغدا كامبودژادىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان مىسيونېرلەردىن بىرى جون ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

سوئال: ئاڭلىساق سىز كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلاردىن بىرى ئىكەنسىز. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

جاۋاب: مېنىڭ ئىسمىم جون، مەن بىر مىسيونېر. مەن يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى مۇساپىرلار ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ھازىرغا قەدەر ئاساسلىقى شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرلار ئىشىنى قىلىپ كەلدىم. قىلغان ئىشىم ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ 3 ‏- بىر بىخەتەر دۆلەتكە بېرىش ئىشلىرىغا قانۇنىي جەھەتتىن مەسلىھەت، ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن ياردەم بېرىش بولدى.

سوئال: بۇ سىزنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىشىغا تۇنجى قېتىم ئارىلىشىشىڭىزمۇ؟

جاۋاب: 2 ‏- قېتىم. بىرىنچى قېتىم بۇ يىل مارت ئېيىدا مالايشىيادا بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ پاناھلىق ئىشىغا ئارىلاشقانمەن. ئۇ ئايال بۇ يىل 7 ‏- ئايدا تۈركىيىگە ساق ‏- سالامەت يېتىپ باردى.

سوئال: بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار ئىشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالدىڭىز؟ يەنى ئەھۋالدىن سىز قانداق خەۋەر تاپتىڭىز؟

جاۋاب: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچىدە دوستلىرىم بار. شۇلاردىن ئۇقتۇم. ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ۋېيتنامغا باردىم، ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق كىملىك ئىسپاتى بولمىغاچقا، مېھمانخانىغا تىزىملىتالمايتتى. مەن ئۇلارنى ئۆز نامىمدا ياتاق ئېلىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئەتىسى يەنە بىر دوستىمىز بىلەن بىرلىكتە ب د ت ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ كونسۇللىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

سوئال: ئۇلار نىمە دەپ جاۋاب بەردى؟

جاۋاب: ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ خانۇيدىكى مەسئۇلى ۋۇئانسۇن بىزگە ئوچۇق ھالدا: "بۇ بالىلار ۋېيتنامدا تۇتۇلۇپ قالسا، شۈبھىسىزكى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدۇ،" دېدى. مۇساپىلار ئىشخانىسىنىڭ تايلاندىكى باشلىقى خول ئەفەندىمۇ ئوخشاشلا ۋېيتنامنىڭ بۇلار ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، كامبودژانىڭ ئەڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوئال: ئۇلار ۋېيتنامنى خەتەرلىك دېگەندە ئاساسلىقى قايسى سەۋەبنى كۆرسەتتى؟

جاۋاب: ۋېيتنامدا بۇرۇن پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىكەن؛ ئەڭ مۇھىمى ۋېيتنام ب د ت نىڭ مۇساپىرلار كېلىشىمىگە قول قويمىغان ئىكەن. بۇنى ئۇلار ۋېيتنامدا تۇرسا بولمايدۇ دېيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆزەممۇ بۇ بالىلارغا مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىش جەريانىدا، ۋېيتنامدا چەتئەلدىن كەلگەنلەرگە قارىتا ناھايىتى قاتتىق بىر تۈزۈم بارلىقىنى بايقىدىم. قىسقىسى ھەر ئىككىسى بۇ بالىلارنى ۋېيتنامدىن تېز ئېلىپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

سوئال: بۇ بالىلارنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ئۇلار سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا قىلدى؟

جاۋاب: مەن بۇلاردىن ئۈچى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈم. ئۈچىلىسى دىندار بالىلار ئىدى. ئەدەپلىك ۋە يېقىملىق ئىدى. خىتاينىڭ دېگىنىدەك، بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئادەملەردەك كۆرۈنۈش ياكى مىجەز خاراكتېر كۆرۈنمەيتتى. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇلار جىنايەت سادىر قىلىدىغان بالىلار ئەمەس.

سوئال: بۇ بالىلار كامبودژاغا بارغاندىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭلار؟

جاۋاب: كامبودژادىن بالدۇرراق ئاچىقىپ كېتىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئۈچىگە دۇنيا پاسپورتى ئىشلەتتۇق، بۇ پاسپورتقا مەلۇم بىر دۆلەت ۋىزا قويۇپ بەردى. بۇ ئۈچى شۇ دۆلەتكە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، قالغانلىرىنىمۇ شۇ يول بىلەن يۆتكىمەكچى بولدۇق. بىراق كامبودژا بۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى پاسپورت ھەم ۋىزىنى قانۇنىي ئىسپات سۈپتىدە قوبۇل قىلمىدى. بىز كامبودژا ھۆكۈمىتىگە بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى، خىتايغا قايتۇرىۋەتتى.

سوئال: سىزچە بالىلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئاساسلىق نىمىلەر سەۋەب بولدى؟

جاۋاب: خىتاي بىلەن كامبودژا ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، شى جىنپىڭنىڭ كامبودژا زىيارىتى ۋە ب د ت نىڭ كامبودژادىكى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتارلىق ئامىللار ئاساسلىق سەۋەبلەر. مەسئۇل خادىملار، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىدى، ئادەتتىكى پاناھلانغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ قالدى، تېز پۈتتۈرۈۋەتكەن بولسا، بۇ ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايتتى. يەنى بالىلارنىڭ قولىغا تېخى "بىخەتەرلىكى ئەندىشە قىلىنىۋاتقان كىشىلەر" دېگەن خەت بېرىلگەن؛ بۇ دېگەنلىك پاناھلىق ئىلتىماسى تەكشۈرۈلۈۋاتقان كىشى دېگەنلىكتۇر؛ "پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى" دېگەن خەت ئەمەس. ئەگەر شۇ خەت بېرىلگەن بولسا، بەلكىم، كامبودژا ئالدىراپ بۇنداق تېز قول سالالماسمىتىكىن دەپ ئويلايمەن.

سوئال: تەجىرىبىڭىزگە ئاساسلانغاندا، نورمالدا بىر پاناھلانغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا قانچە كۈندە خۇلاسە چىقىپ بولۇشى كېرەك؟

جاۋاب: مەن ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىنى بىلىپ كەتمەيمەن. بىلىدىغىنىم ئەسلىدە بۇ 1 - 2 ھەپتە ئىچىدە پۈتۈشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ناھايىتى كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا تېخىمۇ جىددىي قارىشى كېرەك ئىدى.

سوئال: بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن چىقارغان بىر خۇلاسەڭلەر بارمۇ؟

جاۋاب: دۇنيادىكى بىزگە ئوخشاش خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئىشخانىسى يوق. شۇڭا بىزنىڭ سەپداشلىرىمىز كېلەر يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈم تەسىس قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئادەملىرىمىز بار. كەڭ-كۆلەملىك ھەمكارلىق بولغاندا ئىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.