مېيىپلار پاراۋانلىقى ئەڭ ئاۋال دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى «ئاجىز، يوقسۇل، مېيىپ كىشىلەردىن ياردىمىڭنى ئايىما» دېگەندەك مىللىي ۋە ئىسلامىي ئەخلاق ئۈگۈتلەر بىلەن تەربىيىلەش ئەنئەنىسى بار. شۇنىڭ خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك،ئاجىز، مېيىپ ياكى ئاجىزلىقىدىن ئامالسىز، بىچارىلىككە قالغانلار ناھايىتى ئاز. ئاجىزلارنى يۆلەش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى.

0:00 / 0:00


كورلىنىڭ چارىباغ يېزىسى قازانچى كەنتىدە 13 مېيىپ بالىنى بېقىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بىر ياش ئانا بار، بۇ مېھرىبان ئانىنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مېيىپ بالىلاردىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىدەك ئالىيجاناپلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئېسىل ئەنئەننىڭ نامايەندىسى بولۇش بىلەن تەڭ مېيىپلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نەقەدەر ئامالسىز ياردەمسىز قېلىۋاتقانلىقىنى،خىتاينىڭ مېيىپ مەجرۇھلارغا قاراتقان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ كەمتۈكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەسلى مېيىپلار پاراۋانلىقى بىر شەخس ياكى ئائىلە ۋە ياكى جەمئىيەت ئەمەس ئەڭ ئاۋال بىر دۆلەت ئۈستىگە ئېلىش شەرت بولغان مەجبۇرىيەتتۇر. ئۇيغۇر ئېلىدە مېيىپ بالىلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە نىڭ تەييارلىشىدا پروگرامما دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېيىپلار ئىشلىرىغا دائىر ئەڭ يېقىنقى ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇيغۇر ئېلىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تىزىملانغان مېيىپلار 1 مىليون 69 مىڭ بولۇپ ئۇلار 3 مىليون 890 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدۇ. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە مېيىپلار سان جەھەتتىن ئالاھىدە كۆپ، گەۋدىلىك، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەردۇر. 2009 - يىلى - 9 فېۋرال خىتاي ھۆكۈمىتى «مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» نى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماس ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى مەزكۇر پىكىرنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ئۈچۈن كېيىنكى ئۈچ يىل جەريانىدا 30 مىڭ نامرات مېيىپنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما ئەڭ يېقىنقى مەلۇماتلاردىن، خىتاينىڭ مېيىپلار پاراۋانلىق ئىشلىرىدا بەرگەن ۋەدىلىرى ھەم تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمەيۋاتقانلىقى مەلۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن كورلىدا قىيىنچىلىقتا قالغان مېيىپ بالىلارغا ئۆزلىكىدىن مېھرىبانلىق يەتكۈزىۋاتقان مۇنداق بىر ئالىيجاناپ ئانىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

يېقىندا « بىر ياش ئانىنىڭ جاسارىتى» ناملىق بىر تېما تەڭرىتاغ تورى مۇنبىرىدە ئالاھىدە دىققەت تارتقان بىر تېمىغا ئايلاندى، بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلىشىچە، كورلا شەھىرى، چارىباغ يېزىسى، قازانچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن زۆرىگۈل ھېمىت ئۆز ئۆيىدە بېقىۋالغان مېيىپ قىزى بىلەن تەڭ يەنە ئەتراپتىكى 13 مېيىپ بالىنى يىغىپ بېقىۋاتقان ئىكەن. ھەممىگە مەلۇم، ئاتا ئانا ئۈچۈن بىر ساق بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن چوڭ سەبىر، مېھرىبانلىق، قۇربان بېرىش تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك مەسئۇلىيەت، ئۇ ئەنە شۇ نورمال بالىلاردىنمۇ كۆپرەك مېھرى ھەم خەۋەر ئېلىشقا مۇھتاج بولغان جىسمانىي ھەم ئەقلى مېيىپ بەختسىز بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ،ئۇلارنىڭ تامىقىنى بېرىپ، تەرىتىنى تازىلاپ، يۇيۇپ، ئۇخلىتىپ باققاندىن سىرت،ئۆزىنىڭ مېيىپ قىزىنى داۋالاش بېقىش جەريانىدا توپلىغان تەجىرلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس مېيىپ بالىلارنى كۈندە ئۇۋىلاپ،داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئويۇنچۇقلىرى بىلەن يەنە داۋالاشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئالىيجاناپ ئانا - زۆرىگۈل نېمە ئۈچۈن مېيىپ بالىلارنى باقماقچى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا « شەھەردە ۋە باشقا جايلاردا بالامغا ئوخشاش بىتەلەي تۇغۇلۇپ قالغان بالىلار خېلى بار. شەھەردىكى ئاتا - ئانىلار خىزمەت قىلغاچقا بۇنداق ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىز، مېيىپ بالىلارغا ئۆيدە مەخسۇس بىر ئادەم قاراشقا توغرا كېلىدۇ، ياكى ئۇلار ئۆيدە سولىنىپ يالغۇز ياشاشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ داۋالاش كۈتۈش تەجرىبىسىمۇ يوق، مەن پەقەت ئاتا ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئاشۇنداق بالىلىرىمىزغا ياخشى بىر مۇھىت ھازىرلاش باشقا مېيىپ بالىلارغىمۇ ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ئانىلىق ئىنسانلىق مېھرى - مۇھەببىتىمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ ئورۇننى ئېچىپ بالىلارنى بېقىۋاتىمەن» دېگەن.

زورىگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل مېھرىبانلىق بۇ قەدەر ئىنسانپەرۋەرلىك، بۇ قەدەر جاسارەت ۋە پىداكارلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن يوچۇن نەرسە ئەمەس، ئەمما زۆرۈگۈلنىڭ جەمئىيەتكە بولغان بۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قانچىلىك زور بېسىم ھەم جاپا مۇشەققەتلەرگە مۇپتىلا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ قانداق؟ زۆرىگۈل ئىنسانپەرۋەرلىكى ئالىيجاناپلىقى سەۋەبلىك ئۆز ئۈستىگە ئارتقان بۇ مەسئۇلىيەت ئاۋال دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمىدى ؟خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغان ھەر دەرىجىلىك مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمىدى، چۈنكى بۇ ئورۇنلار،مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىشلىرى ھەق ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى ۋەزىپە قىلغان.

ھالبۇكى بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغاندەك ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن رادىئومىزدا ئاڭلىتىلغاندەك، ئۇيغۇر ئېلىدە مېيىپ بالىلار، بولۇپمۇ ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتىن مېيىپلار ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا، قەدىرسىز، كاپالەتسىز، نامرات ھالدا، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇشەققەتلىك شارائىتلاردا ياشىماقتا، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم ئىجىمائىي پاراۋانلىق ئورگىنىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كانادا دۆلىتىنىڭ مېيىپلارغا قاراتقان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسەت ھەم قانۇنلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى خىتاي بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ يەنە مېيىپلار خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىش شەرت بولغان مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى بىر دۆلەتتىكى مېيىپلارنىڭ ئورنىنىڭ قانچىلىكلىكى شۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتى، كۈچىنى،مەسئۇلىيىتىنى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قانچىلىك كاپالەتكە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپ دەيدۇ.