ميۇنخېندا نامايىش

بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئولىمپىككە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى نامايىشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەر ‏ - ئاياللىرى ۋە ياش‏ - ئۆسمۈرلىرى قاتناشقاندىن سىرت، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىلىمۇ قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا ياۋرۇپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى برەند ئەپەندى ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى كۈزەتكۈچىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاق مەۋقەدە تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، گەرچە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر غايىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قانلىق زۇلۇمنى توختاتمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان راھىلە خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرىشىنىڭ ئولىمپىككە قارشى پائالىيەتلەر بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى قايتا تەكىتلىدى.

نامايىشچىلارنىڭ ئۈستىلىرىگە ئارتىۋالغان ئاق كېپەن بىلەن سىرتماقلىرى ۋە ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ھەمدە تۈرلۈك لوزۇنكىلار ئەتراپتىكى ئاممىنى جەلىپ قىلىپلا قالماي، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.