مو يەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بىر تەرەپتىن نوبېل ساھىبىغا خاس ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتمەسلىككە تىرىشقان. ئۇنىڭ نازۇك تىمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ياكى يۇمىلاق جاۋاب بېرىشى، بەزى تور ئوبزورچىلىرى تەرىپىدىن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جاۋاب قايتۇرۇش دەپ مەسخىرە قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، مو يەن ستوكھولىمدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن مۇخبىرلار، ئۇنىڭ مۇكاپاتلىنىشتىن ئالغان تەسىراتى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە سوئال سورىغان؛ ئەمما چەتئەل ۋە خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى بولسا، ئاساسلىقى ليۇ شاۋبو مەسىلىسى، خىتايدىكى پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئال سورىغان. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا راھەت ۋە ھاياجان بىلەن جاۋاب قايتۇرغان مو يەن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە قىينالغان. ئۇ بەزى سوئاللارغا تەنە ۋە قىيداش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.
بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن، نۆۋەتتە خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ليۇ شاۋبو ھەققىدە سوئال سورىغاندا، «مەن بۇ تىمىدا بۇرۇنلا ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغان، كۆرمىگەنلەر خەۋەرلەرنى ئاختۇرۇپ بېقىڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنى ئۇ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان «مەن ليۇ شاۋبونىڭ مۇمكىن قەدەر بالدۇر قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزىنى تەكرارلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئامېرىكىلىق بىر مۇخبىر «جۇڭگودا پىكىر ئەركىنلىكى بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا «ئەگەر خەنزۇچە بىلسىڭىز، جۇڭگودىكى خەنزۇچە تورلارغا كىرىپ بېقىڭ، پىكىر ئەركىنلىكى بار - يوقلۇقىنى شۇنىڭدىن بىلەلەيسىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما،خىتاي تورلىرىدا تور ساقچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلىغان ھۈكۈمەتكە قارشى يازمىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئالمىغان. يەنە بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن خىتايدىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىگە قارىتا پوزىتسىيىسىنى سورىغان. مو يەن بۇ سوئالغا باشتا ئۆزىنىڭ نازارەت ۋە چەكلىمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىن يەنە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ۋىزا ئالغىچە، چېگرادىن ئۆتكىچە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، ھەتتا بەل تاسمىسىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات چەكلىمىلىرىگە چاپان ياپقان. ئۇ بۇ تىمىدا گەرچە، چەكلىمىلەر ئارقىلىق پىتنە - پاساتنىڭ توسۇلۇشى، ئەمما ھەقىقەتنىڭ چەكلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىمىدا ئېنىق ۋە كەسكىن جاۋاب بېرەلمىگەن. مو يەن بۇ تىمىدىكى جاۋابىنى تور ئەزالىرى «سەنئەتكارغا خاس جاۋاب ئەمەس، دىپلوماتىك جاۋاب» دەپ تەنقىد قىلغان.
خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مو يەن مۇخبىرلارغا يەنە، «ياخشى ئەسەر يېزىش ئۈچۈن ئەركىن مۇھىت مۇتلەق شەرت ئەمەس، يامان ۋەزىيەت، ياخشى ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇتلەق توسالغۇ ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىيسىي ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى رەت قىلغان. فراسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مو يەن ستوكھولىمغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭدىكى ئىككى مۇستەقىل خىتاي تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار سوئاللارغا جاۋابەن، مو يەننىڭ ستوكھولىمغا بارغاندا راست گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سەزگۈر تىمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مو يەننىڭ ستوكھولىمدىكى جاۋابلىرى مەزكۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ تەخمىنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مو يەن بۇ قېتىم شىۋىتسىيە سەپىرىگە ئايالى، قىزى ۋە مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولۇپ 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ھالىتىدە بارغان. گۇرۇپپىدا خىتاي ئەمەلدارنىڭ بولۇشى، خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزى تورداشلار، بۇنى «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇكاپات تاپشۇرىۋېلىش» دەپ مەسخىرە قىلغان. يەنە خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، مو يەن بۇ قېتىم مۇكاپات سەپىرىگە 5 قۇر كىيىم بىلەن يولغا چىققان بولۇپ، بۇنىڭ بىر قۇرى جۇڭسەنفۇ دەپ ئاتىلىدىغان، ئادەتتە خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ پاسونىغا ئايلانغان سىمۋوللۇق كىيىم. مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپات مۇراسىمى 10 - دىكابىردا ئۆتكۈزىلىدۇ، ئاڭغىچە بولغان ئارىلىقتا مو يەن 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە بىرقانچە ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ كوممۇنىستچە كىيىمىنى قايسى سورۇندا كىيىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا خىتاي يازغۇچى مو يەننىڭ ستوكھولىم سەپىرى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئىنكاس ئاڭلاتتۇق.
0:00 / 0:00
