خىتاي يازغۇچىسى مو يەننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتاينى خوشال قىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەجەپلەندۈردى، بەزىلەرنى ھەتتا غەزەپلەندۈردى. بىر قىسىم غەرب يازغۇچىلىرى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپات نامزاتىنى خاتا تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۆۋەندە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بۇ توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باھالاردىكى قىسمەن پىكىرلەرنى تاللاپ دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
گېرمانلارنىڭ ئىنكاسى:
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قېتىمقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مو يەننى ياخشى بىلىدىغان، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مو يەننىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىدلەپ كەلگەن كۇبىننىڭ كۆز قارىشى دىققەتنى چېكىدۇ.
گېرمانىيىلىك مەشھۇر خىتايشۇناش، يازغۇچى ۋولفگاڭ كۇبىننىڭ 12 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا تۇرۇپ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بىلدۈرگەن پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچىسى مو يەن: بىرىنچىدىن، كومپارتىيە ئەزاسى ۋە كومپارتىيىنىڭ سادىق مۇرىدى. ئۇ ھېچقاچان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىپ باقمىغان. ئىككىنچىدىن، ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى بازار قوغلىشىش مۇددىئاسىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، مو يەن ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقە ھەم ئەپسانىلەرنى باش تېما قىلىپ ئەسەر يازىدىغان، تۇراقلىق ئىدىيىسى بولمىغان بىر ئادەم. مو يەن ئۆزى «يازغۇچى ئۈچۈن ئىدىيىنىڭ لازىمى يوق، يازسىلا بولدى» دېگەن قاراشنى تەكىتلەيدىغان بىرسى. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىدىن غايەت زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، مو يەننىڭ ئەسەرلىرى ئامېرىكىلىق ھوۋارد گولدبلات دېگەن مەشھۇر بىر تەرجىماننىڭ قولىدىن چىقتى. بۇ تەرجىمان مو يەننىڭ ئەسەرلىرىدىكى پۈتۈن ئاجىزلىقلارنى يوقىتىپ، ئۇنى سۆز ۋە جۈملە بويىچە ئەمەس، بىر گەۋدە ھالەتتە تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپ غەربكە لايىق بىر ئەسەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئېلان قىلىشنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇردى. مو يەننىڭ گېرمانچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايچىدىن ئەمەس، بەلكى ئېنگىلىزچىدىن بىۋاستە ئۆرۈلدى. مو يەننىڭ تەلىيى مانا بۇ يەردە. تۆتىنچىدىن، بۇ قېتىمقى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مو يەن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەمەس، بەلكى خىتايغا بېرىلدى. ليۇ شاۋبوغا مۇكاپات بېرىش تۈپەيلى پەيدا بولغان خىتاي - نورۋېگىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى پەسەيتىش مەقسەت قىلىندى.
يازغۇچى ۋولفگاڭ كۇبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مويەنگە بېرىلىشىنىڭ خاتا بولغانلىقى ئۇزۇنغا قالماي ئىسپاتلىنىدۇ. باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە بولغان شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ مويەنگە بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
خىتايلارنىڭ ئىنكاسى:
خىتايدا مو يەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى كۆپ تەنتەنە قىلىندى. لېكىن بەزىلەر مو يەندىنمۇ ئىلغار يازارلارنىڭ باسۇرۇلۇپ قالغانلىقى ھەم تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مۇكاپاتتىن ئانچە خۆشال ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەشتى. تور يازارلىرىدىن بىرى 12 - ئۆكتەبىر «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شەرەپلىك ئەزاسى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئوفېتسىرى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، مەۋجۇت تۈزۈلمىنىڭ سەمىمىي ھىمايىچىسى، گېرمانىيە كىتاپ يەرمەنكىسىنى ئىنكار قىلغۇچى مو يەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دەپ ھەجۋىي قىلىپ يازغان بولسا، خىتاينىڭ خەلق تورى باش ماقالە ئېلان قىلىپ «تۇنجى قېتىم جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى بىر يازغۇچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ كۈننى جۇڭگو يازغۇچىلىرى بەك ئۇزۇن كۈتتى، جۇڭگو خەلقىمۇ بەك ئۇزۇن كۈتتى» دەپ دەبدەبە قىلدى.
ب ب س نىڭ 12 - ئۆكتەبىردىكى ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدا نەشردىن چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە مو يەننى «خىتايدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ھەسسە قوشقان شەخس، ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق» دەپ ئاتىغان. «ئالما گېزىتى» بولسا مو يەننى «مېڭە يۇيۇش مۇتەخەەسىسى. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشى چوڭ بىر مەسخىرە» دەپ يازغان. چەتئەلدىكى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەدىپلىرىدىن تۇ جې، لياۋ يىۋۇ، ۋېي جىڭشىڭ، ساۋ چاڭچىڭ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولمىدى.
0:00 / 0:00