كۈتۈلمىگەن بۇ خەۋەر خىتاينىڭ چەتئەل ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. بېزىلەر نوبېل ئاكادېمىيىنىڭ قارارىنى قارشى ئالغان بولسا، يەنە بېزىلەر تەنقىد قىلماقتا.
شۋېتسىيە نوبېل ئاكادېمىيىسى پەيشەنبە كۈنى 2012-يىللىق نوبېل ئەدەبىياتىنىڭ خىتاي يازغۇچى مو يەنگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە «ئىنسانلىق قىسمىتى، تارىخ ۋە زامانىۋىلىق بىرلەشكەن رېئاللىق» ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مو يېن خىتاي ئېرىقىدىن فرانسىيىلىك يازغۇچى گاۋ شىڭجيەن، ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبولاردىن كېيىن نوبېل مۇكاپاتى ئالغان 3-كىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى.
شۋېتسىيە ئاكادېمىيىنىڭ سېكرېتارى پېتېر ئېنگلۇندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوبېل ئەدەبىيات كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ مەزكۇر مۇئاۋىن رەئىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا ئۇمۇ «ھەم خۇشال بولغان ھەم قورقۇپ كەتكەن.»
لېكىن نوبېل ئەدەبىيات كومىتېتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىلگىرى گاۋ شىڭجيەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئالغاندا ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن، ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندە نوبېل ئاكادېمىيىسى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغان خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا، بۇ قېتىم مو يېننىڭ مۇكاپات ئالغانلىقىنى كەڭ خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى ۋە ئەدەبىياتچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نوبېل ئاكادېمىيىسى بۇ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى مو يەنگە بېرىپ، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى سىرلىق ۋە ئالىي جانابلىق ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
ئۇ ئەسكەرتىپ: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىر ئادەمگە ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بېرىلىدۇ. بۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇكاپات بۇ يازغۇچىنىڭ كىشىلىك خىسلىتى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىككە بېرىلىدۇ. بىراق مو يېن بىر ھۆكۈمەت يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھۆكۈمەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە كىشىلىك خىسلىتى يىتەرسىز ئادەم. ليۇ شياۋبو زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا بىر پروفېسسور ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق ليۇ شاۋبوغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىسا، لېكىن مو يېن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. جۇڭگودىكى بىر ئوبزورچى توردا ماقالە ئېلان قىلىپ جازالانسا، مو يېن بۇنىڭغا زۇۋانىنى چىقارمىدى. بەلكى ھۆكۈمەتكە يان باسقاندەك قىلدى» دەپ كۆرسەتتى.
ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مو يېن يەنە، فرانكفورت دۇنيا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق ئۇ، ئوخشاش سورۇندا چەتئەلدىكى باشقا خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، سەھنىگە چىقىشنى رەت قىلغان. ساۋ چاڭچىڭ يەنە، مو يېننىڭ باشقا خىتاي يازغۇچىلار بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ 1930-يىللاردىكى يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى كومپارتىيە تارىخىدىكى جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە جۇڭگودا سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ھەققىدىكى ئىنتايىن قەبىھ نۇتۇق بولۇپ، مو يېن بۇ نۇتۇقنى قوللىغان.
لېكىن شۋېتسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا ئۇلار مو يېننىڭ ئەسەرلىرىگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ، ئۇنىڭغا بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرگەن. شۋېتسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «مو يېن فانتازىيە بىلەن رېئاللىقنى، تارىخ بىلەن ئىجتىمائىي نۇقتىنى ئۆز ئارا مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋىليام فولكنېر، گارسىيا ماركۇسنىڭ يېزىقچىلىقىدىكى مۇرەككەپلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل دۇنياسىنى ياراتقان. ئوخشاشلا يەنە كلاسسىك خىتاي ئەدەبىياتى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن ئايرىلىدىغان نۇقتىنى تاپقان.»
1980-يىللىرى گۇڭگا شېئىرىيىتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغان شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ قارىشىچە، نوبېل ئەدەبىيات كومىتېتى مو يېننى ئۇنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيىسىنى چىقىش قىلىپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە يېڭىلىقنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
مو يېن 1955-يىلى شەندۇڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە مەكتەپنى تاشلاپ، دەسلەپكى يىللىرى دېھقانچىلىق قىلغان ۋە كېيىنرەك بىر كارخانىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن مو يېن، 1976-يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى دەل ئۇنىڭ ھەربىيگە قاتناشقان دەۋرىدىن باشلانغان. ئۇنىڭ 1987-يىلى ئېلان قىلغان «قىزىل قوناقلىق» ناملىق رومانى، 1993-يىلى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ«ئەرشتىكى سامساق ئۈندۈرمىسى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانى ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قاتار ئەسەرلىرىدە «كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ، زامانىۋى خىتاي جەمئىيىتى شىددەتلىك تەنقىد قىلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى مو يېننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي كۈچى گاۋ شىڭجيەننىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نوبېل ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشىدە خىتاينىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى كۆزلەشتەك بىر خىل خاھىش يوق، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ خىل پەرەزنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە تىنچلىق مۇكاپاتىنى بىر خىل سىياسىي ئويۇن، دەپ قارايدۇ. گاۋ شىڭجيەن كومپارتىيىگە قارشى بولغاچقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى چەكلەندى. مەن ئۆز ۋاقتىدا گاۋ شىڭجيەننىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ گاۋ شىڭجيەننىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردۈم. بىر ئەسەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ھۆكۈمەت ئەمەس، ئوقۇرمەنلەر باھالىشى كېرەك. ليۇ شياۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ نارازى بولدى. ھەتتا بۇ نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلدى. بۇ قېتىم نوبېل كومىتېتىنىڭ مۇكاپاتنى جۇڭگو ھۆكۈمەت يازغۇچىسىغا بېرىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى سوغۇقچىلىقنى يۇمشاتماقچى بولغانلىقى، بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.»