شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى : نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ خىتاي يازغۇچى مو يەنگە بېرىلىشى گۇمانلىق

بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى خىتاي يازغۇچىسى مو يەنگە بېرىلگەندىن كېيىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ 82 ياشلىق ئەزاسى يۆران ئالمكىۋېست توغرىلىق گۇمانلىق كۆز قاراشلار پەيدا بولدى.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى»، «شۋېتسىيە رادىئوسى»، «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» ۋە «شۋېتسىيە كۈندۈزلۈك گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچىسى مو يېننىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى «ترانان» نەشرىياتى تەرىپىدىن شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىش ئالدىدا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ 82 ياشلىق ئەزاسى يۆران ئالمكىۋېست ئۈستىدىكى گۇمانلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىر مەيدان ئاخبارات جېدىلى باشلانغان.

شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۆران ئالمكىۋېست مو يېننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ لوبىيچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ پۇلى بىلەن مو يېننىڭ بىر قىسىم رومانلىرىنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ رومانلارنى «ترانان» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇپ، ھەر 1000 شۋېدچە ھەرپكە 90 كروندىن قەلەم ھەققى ئالماقچى بولغان. بۇ خەۋەر ئاخبارات يۈزىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر «يۆران ئالمكىۋېست ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتقان. بۇ، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تۈزۈمىگە خىلاپ جىنايەتتۇر» دەپ قارىغان. نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، نوبېل مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگۈچى ئۈچۈن لوبىيچىلىق قىلغان نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتىنى تاللاپ، بېكىتىش مۇزاكىرە يىغىنغا قاتناشمايدۇ ھەم تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ھەق ئالسا بولمايدۇ. ئەمما، مو يېننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن لوبىيچىلىق قىلغان يۆران ئالمكىۋېست كومىتېتىنىڭ مۇ يېننى تاللاپ بېكىتىش مۇزاكىرە يىغىنغا قاتناشقاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئۆزى تەرجىمە قىلغان رومانلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ قەلەم ھەققى ئالماقچى بولغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پېر ئېڭلۇند شۋېتسىيە رادىئوسىغا بەرگەن خەۋىرىدە «يۆران ئالمكىۋېست خىتاي تىلى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىنى تاللاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتنىشىشى باشقا بىر مەقسەتتىدۇر» دەپ ئىزاھلىغان.

يۆران ئالمكىۋېست شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 18 نەپەر مەڭگۈلۈك ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكى ئاساسلىق 5 كىشىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكى بىردىن -بىر خىتاي تىلىغا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە پۇختا شەخس بولۇپ، ئۇ 2005-يىلى تەيۋەنلىك خىتاي مۇخبىر چېن ۋېنفېڭ بىلەن توي قىلغان. ئۇ خىتاينى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، خىتايدىكى يازغۇچىلار بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ مو يېن 2001-يىلى شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان.

يۆران ئالمكىۋېست ئۈستىدىكى بۇ خىل گۇمان 2000-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى خىتاي يازغۇچى گاۋ شىڭجەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، يۆران ئالمكىۋېست تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان گاۋ شىڭجەننىڭ «تەنھا ئادەمنىڭ ئىنجىلى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنىپ 10كۈندىن كېيىن گاۋ شىڭجەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.