نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۆران مالمكۋىست مو يېننىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشىغا ياردەمدە بولغان

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۆران مالمكۋىستنىڭ خىتاي يازغۇچىسى مو يېن بىلەن شەخسىي ئالاقىسى بارلىقى ئاشكارىلىنىپ، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى ۋە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان 83 ياشلىق يۆران مالمكۋست ۋە ئۇنىڭ تەيۋەنلىك خىتاي خوتۇنى چىن ۋېنفىڭنىڭ خىتاي يازغۇچىسى مو يېن بىلەن 15 يىلدىن بىرى قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

مۇشۇ يىلى 8-ئايدا يەنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، يۆران مالمكۋىست بىلەن چىن ۋېنفىڭنىڭ «مۇزات ناخشىسىنى ئېيتالايدىغان ئالتۇن بېلىقىم» نامىدىكى ھېكايىلەر توپلىمى شاڭخەي ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، توپلامغا خىتاي يازغۇچىسى مو يېن كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن. مو يېن توپلامغا يازغان كىرىش سۆزىدە يۆران مالمكۋىست ۋە چىن ۋېنفىڭلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختىغان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تونۇشلۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. بولۇپمۇ يۆران مالمكۋىستنىڭ تەيۋەنلىك خىتاي خوتۇنى چىن ۋېنفىڭ بىلەن ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە چىن ۋېنفىڭنىڭ ئۆزىدىن توپلامغا كىرىش سۆز يېزىپ بېرىشنى ئالاھىدە ئۆتۈنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مو يېن توپلامغا يازغان كىرىش سۆزىدە ئۇلارنى«جەنۇبىي داۋاندىكى ئۆلىما بىلەن تەيۋەنلىك جىنتەك» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ياكى شەخسى ئالاقىسى بولۇشى چەكلەنگەن بولۇپ، يۆران مالمكۋىست بىلەن مو يېننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئالاھىدە شەخسى مۇناسىۋەت شۋېتسىيە جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆران مالمكۋىست توپلىمىغا يازغان كىرىش سۆزىدە «دوستىمىز مو يېننىڭ توپلىمىمىزغا كىرىش سۆز يېزىپ بېرىشى مېنى ئالاھىدە خۇشال قىلدى» دەپ يازغان بولۇپ، بۇ شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ «يۆران مالمكۋىست مو يېننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشىغا ياردەمدە بولغان» دېگەن تەنقىدىنى نەق پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن. ئەمما يۆران مالمكۋىست شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مو يېن بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پېر ئېڭلۇند بۇ مەسىلە ھەققىدە شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىگە يازغان خېتىدە «گەرچە يۆران مالمكىۋېست مو يېن بىلەن 15 يىلدىن بېرى تونۇش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلمىگەن، ئۇلار 15 يىل جەريانىدا پەقەت 3 قېتىم كۆرۈشكەن» دەپ يازغان.

«شۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى» نىڭ مەدەنىيەت خەۋەرلىرىگە مەسئۇل باشلىقى ئوسا لىندېربورىي شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە، بۇ ئىشنىڭ باشتىلا بىر سودا بىلەن باشلانغانلىقى ئېنىق، يۆران مالمكۋىست كىتابىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مو يېن ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلۇشى يۆران مالمكۋىستنى خىتايدا زور ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇڭا يۆران مالمكۋىست مو يېننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشىغا ياردەم قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنى تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشقا ۋە يۆران مالمكۋىستنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، راست گەپ قىلىشقا چاقىردى.

مو يېن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي يۆران مالمكۋىست مو يېننىڭ كىتابلىرىنى شىۋېت تىلىدا نەشر قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى دېگەن گۇمان بىلەن بىر قېتىم ئەيىبلەنگەن ئىدى. تېخى بۇنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي تۇرۇپ يېن بىر قېتىم «ئۇ، مو يېننىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشىغا ياردەم قىلغان» دېگەن گۇمانىغا دۇچ كەلدى.