خىتاي دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانىڭ ئائىلىسىگە قىلغان شەپقەتسىز مۇئامىلىسى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا 1996-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ھەم جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالى شىنانى تۇتۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى چەتئەللەردىكى موڭغۇل دېموكراتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

0:00 / 0:00

موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا موڭغۇل ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى. ئۇ 1980- يىللاردىن كېيىنكى موڭغۇل زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىست. ئۇ 1990-يىللاردا خىتايدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تۈگەتكەن. موڭغۇل مىللەتچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان خادا 1992-يىلى 5-ئايدا كۆكخوت شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە يەر ئاستى تەشكىلاتى" جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى" نى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەم ئەينى چاغدا بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن.

بۇ تەشكىلات خادانىڭ يېتەكچىلىكىدە "جەنۇبىي موڭغۇلىيە(ئىچكى موڭغۇل) ئاۋازى" ناملىق مەجمۇئەنى چىقارغان. خادانىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە يەنە "جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ چىقىش يولى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان. كىتاپتقا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى موڭغۇل خەلقى يولۇققان قىسمەت ھەم جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ چىقىش يولى ھەققىدىكى ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.

خادا ئۆز ماقالىلىرىدە جەنۇبىي موڭغۇلىيە(ئىچكى موڭغۇلىيە) دە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇلۇشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1996- يىلى قولغا ئېلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەم جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خادا جازا مۇددىتى مەزگىلىدە ئۆز ئىرادىسىدە باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى كەچۈرۈم قىلىنمىغان. خادانىڭ 27 ياشلىق ئوغلى ۋېيلېسنىڭ "بوشۈن" تور بېكىتى مۇخبىرى ۋاڭ نىڭغا بىلدۈرۈشىچە، 2010- يىلى 10- دېكابىر خادانىڭ 15 يىللىق جازا مۇددىتى توشىدىغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل ساقچى دائىرىلىرى خادا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇنىڭ ئايالى شىنا ھەم ئوغلى ۋېيلېس بىرلىكتە ئېچىۋاتقان كىتابخانىنى پېچەتلەپ، خادانىڭ ئايالى شىنانى تۇتۇپ كەتكەن. ئوغلى ۋېيلېسنى 10 نەچچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان دادىسى خادانى قارشى ئېلىشقا ئالدىغا چىقماسلىق ھەم مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، توردا خاداغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپ بەرگەن.

خادانىڭ ئوغلى ۋېيلېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭغا بۇ قارارنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ۋېيلېس "بوشۈن" تور بېكىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئانىسى شىنانىڭ يېقىن مەزگىل ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشىگە ھەم دادىسى خادانىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ قويۇپ بېرىلىشىگە ئۆزىنىڭ ئىشەنچى يوقلىغىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى دادىسى خادا ھەم ئانىسى شىنانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

بۈگۈن چەتئەللەردىكى موڭغۇل دېموكراتلىرىدىن گېرمانىيىدىكى ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى شىمان ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى: خادانىڭ ئائىلىسىگە شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ." دەپ ئەيىبلىدى.

شىمان ئەپەندى خەلقئارا جەمئىيەتنى خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى يولۇقۇۋاتقان ھەقسىز مۇئامىلىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:"خادا تۈرمىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مانا مۇشۇنداق مەزگىلدە كومپارتىيە بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خادا ۋە ئۇنىڭ ئايالى شىنانى ئەدەپلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادىي مەنبەسى بولغان كىتاب دۇكىنىنىڭ پېچەتلىنىشى بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، بۇ قېتىم كىتابخانا يەنە پېچەتلىنىپ، خادانىڭ ئايالى شىنا تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلار خادا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئىقتىسادى مەنبەدىن ئايرىۋېتىشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ ئائىلە ئاچقان كىتابخانىنى تاقاپ، خادانىڭ ئايالى شىنانى تۇتۇپ كەتتى. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىنى ئالغان، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان ئىنسانى ئەخلاق پەزىلەتتىن ھالقىپ كەتكەن بۇ خىل ئەھۋالغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك! "

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ خادا ئائىلىسىگە قىلغان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ۋاڭ ۋەنشىڭ ئەپەندىنىڭ رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلغان بۇ خىل شەپقەتسىز مۇئامىلىسى ھەرقانداق بىر خىتاي پائالىيەتچىسىگە قىلغان مۇئامىلىدىنمۇ نەچچە ھەسسە شەپقەتسىز ھەم قەبىھ دېيىشكە بولىدىكەن.

خادا تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى خادانى قويۇپ بېرىشكە ھەم ئۇنىڭغا قارىتىلغان جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. خادا تۈرمىدىكى مەزگىلىدە ئېغىر دەرىجىدىكى تەن جازالىرى ھەم روھى جەھەتتىكى قىيناشلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، خادانىڭ ئايالى شىنا يولدىشى تۈرمىدە يولۇققان شەپقەتسىز مۇئامىلىلەر ۋە قىيىن -قىستاقلار ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا كۆپ قېتىم مەلۇمات بەرگەن ئىدى.