ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا بۈگۈن 10-دېكابىر كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خادا ئەپەندىنى مەخپىي ھالدا كۆكخوت شەھىرىگە يالاپ كەلگەن . شۇنداقلا ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە خادانىڭ ئائىلىسى ئاچقان كىتابخانىنى قانۇنسىز كىتابلار سېتىلغان دېگەن باھانىدە پېچەتلەپ، ئۇنىڭ ئايالى شىنا ۋە ئوغلى ۋېيلىسنى تۇتۇپ كەتكەن.
بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ياپونىيىدىكى «ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى» نىڭ باش كاتىپى كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خادا ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىللە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ قىلمىش دەپ ئەيىبلىدى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى.« بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتى توشقان كۈن ئىدى. ئەمما بىز ھازىرغىچە تېخى خادا ئەپەندىنىڭ ھېقىقى ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. بىز ھازىر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندىنى كۆكخوت شەھىرىگە يالاپ ئەكەلگەنلىكى ھەم ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئايالى شىنا بىلەن ئوغلى ۋېيلېسقا قانۇنسىز كىتابخانا ئاچقان، چەكلەنگەن كىتابلارنى ساتقان دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ تۇتۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ بۇ قىلمىشى ئەڭ ئاددىي بولغان كىشىلىك ئەخلاق ئۆلچىمىگىمۇ خىلاپ بولغان ئىنتايىن شەپقەتسىزلىك دېيىشكە بولىدۇ. »
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى يەنە، بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ، ياپونىيە ، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى « ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى » قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى، شۇ دۆلەتلەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ھەم ياپونىيىدىكى نامايىشقا قاتناشقان موڭغۇللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلغان شەپقەتسىز مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خادا ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى خادا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان خادانىڭ دوستلىرى ھەم خىتايدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ ئۇلارنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خادا ئەپەندىنىڭ يېقىن سەپداشلىرى ھەم خىتايدا بىر قەدەر نامى چىققان موڭغۇل زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە. بىز 15 كۈن ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدىكى خوچىنخۇ ئەپەندىنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان خادا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يار يۆلەكتە بولۇش چاقىرىقى سەۋەبلىك ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدۇق.»
مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش ھەم جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ، چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خادانى قويۇپ بېرىش ياكى ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم تەلەپ سۇنغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بۇندىن كېيىن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۇنياسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.